باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

زەھەر ئەتكەسچىلىكى جۇڭگودا يۈز بەرگەن ئىكەن، چوقۇم جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

2019.01.17 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 16-يانۋار كانادا پۇقراسى شېلىنبېرگنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىش جۇڭگودا يۈز بەردى، چوقۇم جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك، جۇڭگو ھەرقانداق دۆلەت زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: كانادا پۇقراسى شېلىنبېرگ زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن داليەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، كانادا رەھبەرلىرى: «جۇڭگو خالىغانچە ئۆلۈم جازاسى بەردى» دېدى. كانادا دىپلوماتىيە مىنىستىرى فرېلاند: ئۆلۈم جازاسى ئىنسانپەرۋەرلىك ئەمەس ۋە مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ جار سالدى. ئۇنىڭدىن باشقا كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شېلىنبېرگ 2003-يىلى ۋە 2012-يىلى ئايرىم-ئايرىم زەھەر ساقلىغانلىقى ۋە زەھەر ساتقانلىقى سەۋەبىدىن كانادا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان. كانادانىڭ نۇرغۇن تور ئەھلى «200 كىلوگرامدىن ئارتۇق كىرىستال زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت، كانادا ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق بىر يامان زەھەر ئەتكەسچىسى ئۈچۈن دىپلوماتىيە ۋەقەسىنى قوزغىماسلىقى كېرەك» دەپ قارىغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «كانادا رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز مەملىكىتىدىكى خەلق ئاممىسىغا بۇنى ئېنىق چۈشەندۈرەلىشى ياكى چۈشەندۈرەلمەسلىكىنى بىلمەيمەن، 222 كىلوگرام زەھەر قانچىلىك ئادەمنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ؟ قانچە ئائىلىنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلىدۇ؟ شېلىنبېرگ ئەگەر 222 كىلوگرام زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ئەمەس، مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ھېسابلانسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ زەھەر تەرىپىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مۇۋاپىق بولغان بولامدۇ؟»

  ئۇ مۇنداق دېدى: 1840-يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن جۇڭگولۇقلارنىڭ زەھەرنىڭ زىيىنىنى يەتكۈچە تارتقانلىقى ئېسىىدە، شۇڭا جۇڭگو ھەرقانداق دۆلەت زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا يەنە كېلىپ، جوڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ. «ئەگەر شېلىنېرگ كانادادا زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلغان بولسا، كانادا قانداق بىر تەرەپ قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كارىمىز يوق. لېكىن بۇ ئىش جۇڭگودا يۈز بەردى، چوقۇم جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر