باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە پارتىيە تاراتقۇلىرى سۇپىسىنىڭ «2019-يىلى، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر» پائالىيىتى بۈگۈن باشلاندى

2019.01.17 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: « بىز ھەممىمىز تىرىشىپ يۈگۈرۈۋاتىمىز، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر.»

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئون مىليونلىغان يېڭى دەۋر كۈرەشچىلىرىگە ئىلھام بەردى. خەلق گېزىتىنىڭ مەملىكەتلىك پارتىيە تاراتقۇلىرى ئۇچۇر ئاممىۋى سۇپىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مەملىكەتلىك پارتىيە تاراتقۇلىرى سۇپىسى» دېيىلىدۇ) 100دىن ئارتۇق پارتىيە تاراتقۇسىنى بىرلىكتە سەپەرۋەر قىلىپ، «2019-يىلى، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر» ئاساسىي تېمىسىدىكى «كۈرەش قىلغۇچىلار ئارزۇسى پىلانى»نى توپلاش پائالىيىتىنى بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويدى، توردا تارقىتىش ۋە ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا يېتىش ھېكايىسىنى كەڭ تارقىتىدۇ ھەمدە 9-ئايدا تاماملاش پىلان قىلىندى، ئۇنىڭدىن كېيىن باھالاش ئارقىلىق 10 چوڭ كۈرەش قىلغۇچىنى تاللاپ چىقىپ، «ئارزۇسىغا يېتىش مۇكاپاتى» تارقىتىپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيدۇ.

  1-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەملىكەتلىك پارتىيە تاراتقۇلىرى سۇپىسى ۋە ئۇنىڭغا ماكانلاشقان 200دىن ئارتۇق جايدىكى پارتىيە تاراتقۇلىرى ھۆكۈمەت تورى، مىكرو بلوگ، ئۈندىدار، ئابونت تېرمىنالى ئارقىلىق بىرلىكتە بۇ پائالىيەتنى ئېلان قىلدى ھەمدە مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، توپلانغان ئەسەرلەرنى مەركەزلىك ھالدا كۆرسىتىپ، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

  ئارزۇسىغا ئىنتىلگۈچىلەر پىلانىنىڭ بىرلەشمە ئېلان قىلغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيە تاراتقۇلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى گەۋدىلىك ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ھېكايىنى ياخشى ۋە ئېنىق سۆزلەشنى مۇددىئا قىلدى؛ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى تەسىر كۈچىگە ئىگە سۇپا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە سەھىپىلەر، مەسىلەن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «تۇرمۇش چەمبىرىكى»، شىنجېن گېزىتىنىڭ «بىزنىڭ سىنلار»، نەشپۈت سىن قاتارلىقلارمۇ پائال قاتنىشىپ، PGC ۋە UGC مەزمۇنىنى توپلاش ئارقىلىق، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كۈچ ئۇلاپ تارقىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر