باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنى» راستىنلا يېتىپ كېلەمدۇ؟

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىنا، يۈەن شۇتىڭ، لى جىۋېي

2019.01.16 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خېبىي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020-2019 يىلى)»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇش تۇرالغۇ، ساغلاملىق، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تور ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغىنى بولسا، يۇقىرى ئېقىم مەزگىلىدىن سىرت ۋاقىتتا دەم ئېلىش ۋە ئېلاستىكىلىق دەم ئېلىش مەزمۇنى بولدى. شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلاردا جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە شەنبە-يەكشەنبە كۈنىنى قوشقان «ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش» سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  مائاشلىق دەم ئېلىش ئاۋامنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، بۇ تۈزۈمنىڭ كونكرېت يولغا قويۇلۇش تەرتىپ-قائىدىلىرى بارمۇ؟ مەمۇرىي ئورگانلار يېرىم كۈن ئىشلىمىسە، پۇقرالارنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلەمدۇ؟ قانداق قىلغاندا ھۆججەتتىكى پاراۋانلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟

  «ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش» __ ھەممە ئارزۇ قىلىدىغان ئىش

  بۇ تۇيۇقسىز خەۋەر جامائەتچىلىككە ناتونۇش ئەمەس. 2015-يىلىلا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ساياھەت سېلىنمىسى ۋە ئىستېمالىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇنىڭدا مائاشلىق دەم ئېلىش، يۇقىرى ئېقىمدىن قاچۇرۇپ دەم ئېلىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى كۈن دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ سىرتا چىقىپ ئارام ئېلىشىغا پايدىلىق شارائىت ياراتماقچى بولغان، لېكىن ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ توغرىسىدا يەرلىكنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكىتى كۆرۈلمىدى.

  خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىر مۇنداق دېدى: ناۋادا «ئىككى يېرىم كۈن دەم ئېلىش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، ئىستېمالنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىدى، بۇ ھەممە كىشى ئارزۇ قىلىدىغان ئىش.»

  بىر خىل ئازاپ بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «دەم ئېلىشى بار بولسىمۇ، دەم ئالالماسلىق»

  خېبىي ئۆلكىسى ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەدە، «ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش» سىياسىتىدە باشلامچى تارماق ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مەسئۇل ئورۇنلاردىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بار بولۇپ، مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، «تېخى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەرتىپ-قائىدىسى تۈزۈلمىگەن، بىراق شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنىڭ تەرتىپ-قائىدە ۋە مۇۋاپىق مەشغۇلات چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

  شىنلاڭ تورىدىكى «تيەنتيەنچۈەن» ئىسىملىك بىر تور ئەھلى مۇنداق دېگەن: يەرلىكنىڭ «ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش»نى ئىجرا قىلىشنى قوللىشى ئاۋام ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر ياخشى سىگنال بولۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى نۆۋەتلىشىپ دەم ئېلىش تۈزۈمى دېگەندەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە دەخلى يەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يەنە بىر قىسىم تور ئەھلى ياخشى سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تەس بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «قوللاش ۋە شارائىتى يار بېرىدىغان» بۇ سۆز تور ئەھلىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىگە ئايلاندى. بەزى تور ئەھلىلىرى «بۇنى، شارائىتى يار بېرىدىغان ئىدارىلەر دەم ئالسا بولىدۇ، شارائىتى يار بەرمىسە دەم ئالمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ چۈشىنەمدۇق؟» دېدى.

  مۇخبىر توردىكى بىر قىسىم قىزىق نۇقتىلارنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق، كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ «ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش»نىڭ ئەمەلىيلىشىگە ئۈمىد باغلىماسلىقنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىشىنىمۇ ۋاقتىدا ئالالمايۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدى. 2008-يىللىق «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىش نىزامى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كونكرېت يىللىق دەم ئېلىش كۈنى بەلگىلىنىلدى. بۇنىڭدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جەمئىي خىزمەت قىلىش يىل سانى بىر يىلغا توشقان، 10 يىلغا توشمىغان بولسا، يىللىق دەم ئېلىشى بەش كۈن بولىدۇ؛ 10 يىلغا توشقان، 20 يىلغا توشمىغان بولسا، يىللىق دەم ئېلىشى 10 كۈن بولىدۇ؛ جەمئىي خىزمەتكە چىققان يىل سانى 20 يىلغا توشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى 15 كۈن بولىدۇ.

  لېكىن، بۇ تۈزۈم نۇرغۇن جايلاردا تېخى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار مۇنداق بىلدۈرگەن: قانچە قېلىپلاشقان ئورۇن ۋە كارخانىلارنىڭ ئوتپوسكا تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جايىدا ئىجرا قىلىشى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. ئەمما يەنە خېلى كۆپ ساندىكى ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق دەم ئېلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمىقى تەس بولغان.

  شىجياجۇاڭ شەھەر ئاھالىسى خۇ ئەپەندى بىر پۇقراۋى تەربىيەلەش ئاپپاراتىدا ئېنگلىز تىلى مۇئەللىمى، ئۇ مۇنداق دېدى: شەخسىي كارخانىلار خىزمەت مىقدارى، ئۈنۈم ۋە خىزمەت ۋاقتىنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىپ، ئۈنۈم مائاشىنى تارقىتىدۇ. ئادەتتە ھەپتە ئاخىرىمۇ تۈزۈك دەم ئالمايمىز، بىراق بەلگىلىك ئىش قوشۇپ ئىشلەش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ.

  «ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش» راستىنلا يېتىپ كېلەرمۇ؟

  ئاز بولمىغان كىشىلەر مۇنداق دېدى: «ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش» ناۋادا راستىنلا ئەمەلىيلەشسە، ئۇ بىر ياخشى ئىش، لېكىن ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋال بولسا، ئىدارىڭىز سىزگە دەم ئېلىش يوق دېسە، سىزمۇ دەم ئېلىشقا پېتىنالمايسىز، دەم ئالالمايسىز، دەم ئېلىشقا خىجىل بولىسىز.

  ئوتتۇرا قىسىمدىكى مەلۇم بىر ئۆلكىدە ئىشلەيدىغان كۆپ قىسىم مەمۇرلار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، يىللىق دەم ئېلىشنى ئالسام بولىدۇ، لېكىن قاچان ئالىمەن، بۇنىڭدا مېنىڭ دېگىنىم ھېساب ئەمەس». 2018-يىلى بۇ ئۆلكىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشى چوقۇم 8-ئايدا بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ۋاقىتتا سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلاي دېسە، يازلىق يۇقىرى ئېقىم مەزگىلى، نەگىلا بارسا ھەم ئىسسىق، ھەم ئادەم كۆپ.

  ۋاقىتنى بېكىتىپ قويۇشتىن باشقا، يەنە بىر خىل كىشىنى خىجىل قىلىدىغان ئىش بولسا «دېيىشتىن خىجىل بولۇش». بىر قىسىم خىزمەتچىلەر مۇنداق بىلدۈرگەن : باشلىق دەم ئالمىسا، بىز دەم ئالىمىز دېيىشتىن خىجىل بولىدىكەنمىز، باشلىق گەرچە قوشۇلسىمۇ، كۆڭلىدە بەلكىم باشقىچە ئويلىشى مۇمكىن.

  يەنە بىر خىل مۈشكۈل ئەھۋال بولسا: دەم ئېلىشنى ئالدىڭىز، بىراق تېلېفون ھەم ئۈندىداردا يەنە شۇ خىزمەتنىڭ ئىشى. بەزى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار مۇنداق دېگەن: ھازىرقى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئورنى بار، سىزگە بەلگىلەپ بەرگەن خىزمەتنى پەقەت سىزلا ئىشلىيەلەيسىز، شۇڭا گەرچە دەم ئالسىڭىزمۇ، بىراق ئۆزىڭىزگە تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم قىلىشىڭىز كېرەك.

  «دەم ئېلىشنى بىلمىسىڭىز، ئىشلەشنىمۇ بىلمەيسىز. مۇۋاپىق بولغان دەم ئېلىش كىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان زېھىن ۋە كۈچ بىلەن خىزمەتكە كىرىشىشىگە پايدىلىق. بۇ ئەسلىدىنلا قانۇندا بېكىتىلگەن بىر خىل پاراۋانلىق، بىراق ھەر خىل كۆرۈنمەيدىغان شەرت، بوسۇغا ۋە «ئومۇمىي ئۇقۇم» ئارقىلىق ئۇنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىگە توسقۇنلۇق بولغان.

  زىيارەت داۋامىدا، بەزى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ۋە جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. كوخخوت شەھىرىدە مۇھىت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان جاۋ ۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: مائاشلىق دەم ئېلىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھۆججەتلەردە كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى بېكىتىپ ئېلان قىلىشى كېرەك ھەمدە بەزى قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئەگىشپ چارلاش، نازارەت قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر