باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيادا نامراتلىقتىن قۇتلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2019.01.16 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامرات ئامما ۋە ئاساسىي قاتلاملاردىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى خىزمەتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېغىر نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لىنشىيا ئاپتونوم ئوبلاستى دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، جۇغراپىيەلىك ئورنى چەت-يېراق، تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى، نامراتلىشىش سەۋەبى مۇرەككەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى. ۋاڭ ياڭ 2013 - ۋە 2015 - يىلى ئىككى قېتىم ئۆمەك باشلاپ بۇ ئوبلاستنىڭ جىشىشەن باۋئەن-دۇڭشياڭ-سالا ئاپتونوم ناھىيەسىدە ناھايىتى ئىنچىكە تەكشۈرۈش تەتقىقاتتا بولغان ئىدى. 1-ئاينىڭ 13- 14-كۈنلىرى، ۋاڭ ياڭ جىشىشەن نايىھەسى ليۇجى يېزىسىنىڭ شياۋجيا كەنتى، ليۇگۇۋ يېزىسىنىڭ ياڭشەن كەنتىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ نامرات ئائىلىلەردىن ھال سورىدى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلارنى يوقلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمىتىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ ئىگىلىدى. ۋاڭ ياڭ يەنە خېجېڭ نايىھەسىگە بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋاڭ ياڭ لىنشيانىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى ۋە نامرات رايونلاردا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: نۆۋەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ جاپالىق ۋاقىتتا تۇرماقتا، مۇۋەپپەقىيەتكە قانچە يېقىنلاشقانسېرى شۇنچە قىيىنچىلىق بولىدۇ ھەم شۇنچە چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. غەيرەت ۋە شىجائەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، كۈرەش قىلىش، تۆھپە قوشۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قارىتىپ، بوشاشماي جەڭ قىلىپ، غەلبە قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، جايلارنىڭ ئىزدىنىش داۋامىدا كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەجرىبەسى توپلىشىغا ئىلھام بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش كېرەك. سەمىمىي پۇختا بولۇش تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتچىلىقنى قەتئىي يېڭىپ، « قۇرۇق سۆلەتۋازلىق» ۋە پۇرسەتپەرەسلىك قىلماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئامما ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىدىغان، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلەيدىغان قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر بىر پۇڭنىمۇ ئامما ئېھتىياجلىق جايغا سەرپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزەشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر نامراتلارنى يۆلەش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىشى، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، ئىلھام بېرىش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان كادىرلارغا غەيرەت بىلەن ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر