باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى پۇت قۇۋۋىتى، كۆز قۇۋۋىتى، ئەقلىي قۇۋۋىتى، قەلەم قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلدى

2019.01.17 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى 16- يانۋار پۈتۈن مەملىكەت ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «پۇت قۇۋۋىتى، كۆز قۇۋۋىتى، ئەقلىي قۇۋۋىتى، قەلەم قۇۋۋىتى»نى كۈچەيتىش تەلىپىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ساپا، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدار، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىستىلنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئېسىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.

  تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى «تۆت قۇۋۋەت»نى كۈچەيتىش داۋامىدا سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى شەرھلەش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ «تۆت قۇۋۋەت»نى كۈچەيتىش داۋامىدا كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ ئىدىيەۋىيلىك، ھارارەتلىك، سۈپەتلىك نادىر ئەسەرلەرنى يېزىش كېرەك؛ «تۆت قۇۋۋەت»نى كۈچەيتىش داۋامىدا قەتئىي جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، «بارچە ھۈنەر»نى ياخشى مەشىق قىلىپ، «پۈتۈن تاراتقۇلاشقان» «بىرىكمە تىپتىكى» تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇپ چىقىش لازىم؛ «تۆت قۇۋۋەت»نى كۈچەيتىش داۋامىدا ئېسىل ئىستىلنى تاۋلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، قىسقا، ئەمەلىي، يېڭى يېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، يالغان، ئۇزۇن، قۇرۇق يېزىشقا قارشى تۇرۇپ، ئاخبارات ئەسەرلىرىگە «توپا قوندۇرۇپ»، «تەر چىقىرىپ»، «ھور چىقىرىش» لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر