باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت زاپاس يېرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

2019.01.16 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇرۇلۇش يېرىنى «قوشۇپ ساقلاشقا باغلاش» مېخانىزمىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، تەستىقلىنىپ ئىشلىتىلمىگەن يەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھۆكۈمەت زاپاس يېرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىلمىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، ساقلانما رەنىگە قويۇلغان زاپاس يەرنى قانۇن بويىچە رەنىنى بىكار قىلىشنى تېزلىتىش ۋە مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك يەر بىلەن تەمىنلەشنى ئۇقتۇردى.

  دۆلەت يېرىنى نازارەت قىلىش ئەھۋالى ئىنكاسىدىن قارىغاندا، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىچە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زاپاس يەرنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىن 473ى كۆرۈلۈپ، رەنىگە قويۇلغان يەر كۆلىمى 4786.07 گېكتار، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى 71 مىليارد 618 مىليون يۈەن بولغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: زاپاس يەرنى مۈلۈك سۈپىتىدە دۆلەت كارخانىلىرىغا كىرگۈزۈۋېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. يەر زاپىسى خىزمىتىنى پەقەت تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى باشقۇرىدىغان يەر زاپىسى ئاپپاراتلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇن بويىچە يەر بېرىلمىگەن ئەھۋالدا، ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن خاتىرىسى، خەت-ئالاقە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھۆكۈمەت قايتۇرۇۋالغان، سېتىۋالغان، ئېلىۋالغان يەرلەرنى ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى شىركىتى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا بىۋاسىتە بېرىشكە، يەر زاپىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ نامىدىكى يەرلەرنى ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى شىركىتى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا بىۋاسىتە ئاجرىتىپ بېرىشكە بولمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر