1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا، ئامما پارلامېنت بىناسىنىڭ سىرتىدىكى ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىلنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا يىغىلىشقا قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 15-يانۋار بېلەت تاشلاپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمىنى رەت قىلدى. بەش كۈن مۇنازىرە قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 15-يانۋار 432 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 202 ئاۋازنىڭ قوللىشىدەك بېلەت تاشلاش نەتىجىسى بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمىنى رەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى