باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

17 تارماق مەدەنىيەت بازىرى ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكت ۋە ئالاقىدار خادىملارغا بىرلەشمە جازا بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

2019.01.16 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يادرو قىلىنغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەدەنىيەت بازىرىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت بازىرى ساھەسىدىكى لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، خەلق بانكىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق 17 ئورۇن «مەدەنىيەت بازىرى ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغان بازار سۇبيېكتى ۋە ئالاقىدار خادىملارنى بىرلىكتە جازالاش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»نى بىرلىكتە ئىمزالاپ يولغا قويغان (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەسلەتمە» دېيىلىدۇ).

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش، مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بازار يېتىشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى دەۋر مەدەنىيەت بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە قويۇپ، ئىناۋەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. بۇ قېتىم «ئەسلەتمە»نى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى 2018-يىلى 6-ئايدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ يولغا قويغان «مەملىكەتلىك مەدەنىيەت بازىرىدىكى قارا تىزىملىكتىكىلەرنى باشقۇرۇش چارىسى» (مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرى [ 2018] 30-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى) بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  «ئەسلەتمە»دە بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتى «مەملىكەتلىك مەدەنىيەت بازىرىدىكى قارا تىزىملىكتىكىلەرنى باشقۇرۇش چارىسى»غا ئاساسەن، ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، لەۋزىدە تۇرماسلىق سەۋەبىدىن مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت بازارلىرى قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بازار سۇبيېكتى ۋە ئالاقىدار خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار، تىجارەتلىك ئويۇن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، بەدىئىي ئەسەر، ئالاقەت تورىغا چىقىش مۇلازىمىتى، تور مەدەنىيىتى قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر