- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدا 537 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى
2019.01.16 15:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىندىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2018ـ يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتا نامرات رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىشتا چىڭ تۇردى، ھەمدە باشقا رايونلارنىڭ ئېغىر نامراتلىق مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، نەتىجىدە، بۇ بىر يىلدا جەمئىي 537 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ %6.51كە چۈشتى.
2018- يىلى شىنجاڭ بويىچە 513 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، ئۈچ ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى چۆرۈپ تاشلاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەشكە سېلىنغان مەبلىغى 33 مىليارد 411 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاست %92.3نى ئىگىلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن 68 مىڭ 900 ئائىلىگە سالغان ئەمىن ئۆيلەر پۈتتى، ئېغىر نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك ھالدا مۇقىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى 75 مىڭغا يەتتى، بازارلاردىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا قىيىنچىلىقى بارلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بۇنداقلارنىڭ سانى 52مىڭ 400 كىشىگە يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر