باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سادىق، پاك ۋە زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

2019.01.16 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- يانۋار «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «سادىق، پاك ۋە زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك« ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيىمىزنىڭ بىر ياخشى ئەنئەنىسى. بىزنىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئۇسۇلىدىن ئۆگىنىشىمىزدىكى مەقسەت شۇكى، دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئۇسۇلىدىكى پايدا-زىيان تەجرىبىلىرىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشنى بىر قىسىم ئۆرنەكلەر بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. توغرا سىياسىي لۇشيەنگە توغرا تەشكىلىي لۇشيەن بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا، چوقۇم يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمىنى قاتتىق تۇتۇپ، ئادىللىق بىلەن ئادەم ئىشلىتىپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، سادىق، پاك ۋە زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقايلى. ماقالىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمىنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك

  كادىرلارنىڭ سىياسىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشتە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ سىياسىي پەزىلەتتىكى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىدە. ئادىللىق بىلەن ئادەم ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىشتە ئادىللىق بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش ۋە خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەشكىلىي لۇشيەنى جەھەتتىكى ئىپادىسىدۇر، بۇ ھەم بىزنىڭ ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشىمىزدىكى تۈپ تەلىپىمىز بولۇشى كېرەك. ئادەم ئىشلىتىشتىكى نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. نەزەر دائىرىنى ئېچىپ، كادىرلار قوشۇنى ۋە ھەر تەرەپتىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشنى تەكىتلەش ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشتەك رۇشەن يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كادىرلارنى ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش روھى ھالىتىنى كۈچەيتىشىگە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر