باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى نامرات نوپۇسنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى

2019.01.14 13:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۆپ خىل تەدبىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2018-يىلى شىنجاڭدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس، شەھەر يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، داۋالاش يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامرات بولۇپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىشتىن ساقلىنىش رولى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈنەرلىك بولدى. مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2018-يىلى شىنجاڭ پۈتۈن ئاممىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامرات نوپۇس ۋە قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن ئىجتىمائىي كاپالەت تورى تۈزدى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98.47 كە، ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.92 كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر دەرىجىدە نامرات 22 ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نوپۇسنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.21 كە، ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.98 كە يېتىپ، ھەممە ئادەمنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكلىرىنى پۈتۈنلەي قاتناشتۇرۇش نىشانى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر