باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىللىرىغا بىخەتەرلىك ئايرىۋېتىش ئۈسكۈنىسى سەپلەشنى تېزلىتىشنى بىلدۈردى

2019.01.16 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «2019-يىللىق قاتناش- تىرانسپورتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى)دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يول تىرانسپورت ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تىجارەتلىك يولۇچى توشۇش تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە تىراللىبۇس يۈرۈش رايون بىخەتەرلىك ئايرىغۇچى ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ قوللىنىش تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ھەمدە شەھەر ئامىۋى ئاپتوبۇس، تىراللىبۇس ۋە «ئىككى خىل يولۇچىلار ئاپتوبۇس، بىر خىل خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇيدىغان مەخسۇس ئاپتوموبىل»غا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش قۇرۇلمىسىقاتارلىق ئاپتوموبىللارغا پۈتۈن بىخەتەر يۈرۈشنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش تېخنىكا ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردا تاكسى چاقىرىشنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ.

  نۇقتىلىق قىلىپ مۇنداق دېيىلدى: 2019-يىلى قاتناش-تىرانسپورتىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بولسا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك تەرەقققىيات قارىشىنى تىكلەپ، «ھاياتلىق ھەممىدىن مۇھىم، بىخەتەرلىك بىرىنچى» دەيدىغان ئىدىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل سىزىق تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، بىخەتەر قاتناش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئامانلىق ساقلاشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، قوش ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىخەتەر تەرەققىيات تىرەك سىستېمىسىنى كۈچەپ قۇرۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، يوشۇرۇن خەتەرنى يوقىتىپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش سىستېمىسى قۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسە ئومۇمىي مىقدارىنى ئۇدا ئازايتىپ، قاتناش-تىرانسپورت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى بولغان قاتناش-تىرانسپورت بىخەتەرلىك مۇھىتى ھازىرلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر