باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىللىق يېڭى تەدبىر: باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تۆت تەرەپتىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىدۇ

2019.01.16 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 15-يانۋار ئۆتكۈزگەن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مالىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى شۈ خۇڭسەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2018-يىللىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئاساسىدا باجنى كېمەيتىش تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەدبىر ئاساسلىقى تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كىرىمىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. بۇ تۈرلۈك سىياسەت ئېلان قىلىنىپ بولدى. كىچىك باج تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش چېكى ئۆستۈرۈلۈپ، ئايلىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگە تەڭشىلىدۇ، يەنى ئايلىق سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەنلەر قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرمايدۇ. كىچىك، ئاز پايدا ئالىدىغان كارخانىلارنىڭ ئۆلچىمىنى كەڭ قويۇۋېتىش ۋە ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ شەرتى بولسا: كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليون يۈەندىن تۆۋەن، كەسىپكارلىرىنىڭ سانى 300 دىن تۆۋەن، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولۇشتىن ئىبارەت.

  ئىككىنچى، قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ماھىيەتلىك باج كېمەيتىش داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئۈچىنچى، تۈزىتىلگەندىن كېيىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئالتە تۈرلۈك مەخسۇس قوشۇمچە تۈرلەرنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ باج يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ. تۆتىنچى، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۇنىۋېرسال لايىھەسىنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەق ئېلىش ئېنىقلىنىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليەن ۋېيلياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل سېلىنما ساھەسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تۈر تەستىقلاش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىپ، 16 رايوندا نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلىتىشقا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىش ئۈچۈن، بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە بازار ئىجازىتى پاسسىپ ئىسىملىكى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. 22 شەھەردە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەتتە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايونلاردا سودا مۇھىتىنى سىناپ باھالاش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. تۈرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، بۇ يىل كۆپ ساندىكى مەركەز خامچوت دائىرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانىنى 1-پەسىلدە چۈشۈرۈشكە تىرىشىپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۈرلەرنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلۇش باشلىنىپ پىلانغا كىرگۈزۈلگەن مۇھىم، زور تۈرلەرنى تېزلىتىپ، ئىمكانقەدەر تېخىمۇ كۆپ ناتۇرال خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر