باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالزېيمېر كېسىلى تەتقىقاتىدا يەنە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

2019.01.17 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىخۇ داشۆسىنىڭ مۇدىرى، چىڭخۇا داشۆ ھاياتلىق ئىلمى شۆيۈەنى قۇرۇلما بىئولوگىيەسىدە يۇقىرى، نازۇك، ئۆتكۈر يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ پروفېسسورى شى يىگۇڭ يولباشچىلىقىدىكى تەتقىقات ئەترىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «تەبىئەت»، «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئادەم بەدىنىدىكىγ— ئاجراتما ئېنزىمنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۇبسترات Notch ۋە كراخمالسىمان ئالدىنقى تەن ئاقسىلى (APP) بىلەن بىرىككەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى توڭلىتىلغان ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتىكى قۇرۇلمىسىنى جاكارلاپ، ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل سۇبسترات بىلەن بىرىككەندىن كېيىنكى γ— ئاجراتما ئېنزىمىدا كۆرۈلىدىغان كونفورماتسىيە ئۆزگىرىشىنى بايان قىلدى ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ فۇنكسىيەسى ئۈستىدە بىئو خىمىيە تەتقىقاتى قىلىپ، γ— ئاجراتما ئېنزىمنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە سۇبستراتنى كېسىدىغان مولېكۇلا مېخانىزمىنى چۈشىنىشنى بىلىش ئاساسى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، راك شۇنداقلا ئالزېيمېر كېسىلىگە ئالاقىدار ئالاھىدە خاس دورىنى پىلانلاپ تەتقىق قىلىشنى مۇھىم قۇرۇلما ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ ئىككى پارچە ماقالىنىڭ ئورتاق 1-ئاپتورى، پوستدوكتور ياڭ گۇاڭخۇي بىلەن جوۋ رۈينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سۇبسترات Notch ياكى APPنى بىر تال ئارغامچىغا ئوخشاتساق،γ— ئاجراتما ئېنزىمنىڭ رولى مۇشۇ ئارغامچىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ كېسىشكەن. كېسىشتە بىنورماللىق كۆرۈلسە، ياكى كەسكەن بۆلەك يۆگىلىپ قالسا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن. γ— ئاجراتما ئېنزىمنىڭ تەركىبىدىكى PS1 دەل مۇشۇ قايچىكەن.

  شۈبھىسىزكى، APPنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى توسۇپ Notchنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان دورىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئالزېيمېر كېسىلىنى نىشانلىق داۋالاش ۋە ئەكس تەسىر پەيدا قىلماسلىقتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھازىرγ— ئاجراتما ئېنزىم بىلەن ئالاھىدە خاس تىزگىنلىگۈچى دورىنىڭ ئۆزئارا رولىنى تەتقىق قىلماقتا، بۇ ئالاقىدار دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈسى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر