باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭدا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن تۇنجى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش فوندى تەسىس قىلىندى

2019.01.17 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ «جىنتو» مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن «شېنۋەن خۇڭيۇەن» ئاكسىيە چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلىكتە شىنجاڭدىكى تۇنجى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش فوندى __ شىنجاڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇتقۇزۇش تەرەققىيات فوندى (ۋاقىتلىق ئىسىم)نى قۇردى، فوندنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد يۈەن، تۇنجى قارارلىق سېلىنىدىغان مەبلەغ 1 مىليارد يۈەن بولىدۇ.

  بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىدۇ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن كۆچمە خاراكتېرلىك قوللاش بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم پۇل مۇئامىلە تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن، يېقىندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پېيىنى كونترول قىلغۇچى پايچىكلار پاي ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر جەمئىي 55 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋى كارخانىلاردىن 33ى بار، بەزى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى گۆرۈگە قويۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.

  شىنجاڭ «جىنتو» مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش فوندىنى تەسس قىلىش بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق قىسقا مۇددەتلىك كۆچمە خاراكتېرلىك مەبلەغ قىيىنچىلىقى يۈز بەرگەن پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ چوڭ پايچېكىگە ياردەم بېرىپ ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ قىيىن مەزگىلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىپ، چوڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ تۇنجى قارارلىق مەبلىغىدە، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ چوڭ پايچىكىنىڭ پاي چېكىنى رەنىگە قويۇش خەۋپ-خەتىرىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش فوندى «بىر جايدا بىر تەدبىر»، «بىر كارخانا، بىر سىياسەت»ىدىن پايدىلىنىپ، مۇناسىپ بولغان مەبلەغ يۇرۇشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تۈزىدۇ.

  فوند يۈرۈشتۈرۈشتە «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش، كەسىپلەشكەن باشقۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بانكا، ئاكسىيە شىركىتى، سۇغۇرتا، چوڭ كارخانا قاتارلىق لاياقەتلىك ئىجتىمائىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتا مەبلەغ توپلاپ، مەيدان سىرتىدىكى گۆرۈ، پـاي ھـوقـۇقىـنى قوبۇل قىلىش-ئۆتۈنۈش، پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، بازارلاشقان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلۈك كاپىتال بازىرى قورالىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي كاپىتال مەبلىغىنى توپلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋى كارخانىلاردىكى پېيىنى كونترول قىلغۇچى پايچىكلارنىڭ پاي ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇشى ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ كۆچمە خەۋپ-خەتەر مەسىلىلىرى نۇقتىلىق پەسەيتىلىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن شېنجېن، بېيجىڭ، شاڭخەي، خېبېي قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەخسۇس فوندى قۇرۇلۇپ، پېيى بازارغا سېلىنغان پۇقراۋى كارخانىلاردىكى پېيى كونترول قىلىنغان پايچېكلارنىڭ پاي چېكىنى گۆرۈگە قويۇش خەۋپ-خەتىرىنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر