باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى ساقلاش كېرەك

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مەركەز كارخانىلىرىنى كۆزىتىپ 356 مەسىلىنى بايقىدى

2019.01.17 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- يانۋار كۈنى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگىنى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ "پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشى ھەمدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش" خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ مەزكۇر يىغىندىن ئىگىلىشىچە، 2018- يىلى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 12 مەركەز كارخانىلىرىغا بولغان 2- تۈركۈمدىكى كۆزىتىش ۋەزىپىلىرىنى تاماملىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق كۆزىتىش نەتىجىسىدە، 356 تۈرلۈك مەسىلە بايقالغان، ھەمدە مەسىلە يىپ ئۇچلىرىدىن 404ى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018- يىلى دۆلەت زېمىن بايلىقى كومىتېتى ئورگىنى ۋە مەركەز كارخانىلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش تەمىناتى ۋە كەسپىي چىقىملىرىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 1559 تۈرلۈك مەسىلە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 2776 ئادەم جازالىنىپ، 1533 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى قاتارلىق جازالار بېرىلىپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر