خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى 15-يانۋاردىن 16- يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سادىق بولۇپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئادىل- ھەققانىيىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، سىياسىي-قانۇن ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش لازىم.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، بىر قاتار مۇھىم قارارلارنى چىقىرىپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئىجتىمائىي ئامانلىق، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭغا ئېلىمىزنىڭ سىياسىي- قانۇن سېپىدىكىلەر ۋە كەڭ سىياسىي- قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان-تەرى مۇجەسسەملەنگەن. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەن يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلقنىڭ غېمىنى تۈگىتىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈزۈلمەس مەنبەسى قىلىش لازىم. ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسماننى تېخىمۇ كۆكەرتىپ، سۇنى تېخىمۇ سۈزۈكلەشتۈرۈپ، ھاۋانى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇپ، يېمەكلىكنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىپ، قاتناشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق، تەرتىپلىك قىلىش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى