باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر تېز مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

شىنجاڭلىق تۆت ماھىر يەتتە تۈردە چېمپىيون بولدى

2019.01.17 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2019–2018 يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر تېز مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى داچىڭ شەھىرىدىكى مۇز تېيىلىش سارىيىدا ئاياغلاشتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىگە ۋەكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان شىنجاڭ مۇز ئۈستى ماھىرلىرى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە جەمئىي يەتتە تۈردە چېمپىيون بولدى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە جەمئىي 43 كوماندا، 230 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، ئەر-ئاياللار ئا گۇرۇپپىسى بويىچە يەككە تۈر، ھەممىگە قادىر، قىسقا مۇساپىلىك كوللېكتىپ قوغلىشىش، كوللېكتىپ قوغلىشىش، پەللىدىن كوللېكتىپ چىقىش تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان؛ ئەر-ئايال ب گۇرۇپپىسى بويىچە يەككە تۈر، ھەممىگە قادىر، قىسقا مۇساپىلىك كوللېكتىپ قوغلىشىش، كوللېكتىپ قوغلىشىش، پەللىدىن كوللېكتىپ چىقىش تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان؛ ئەر-ئايال C گۇرۇپپىسى بويىچە ھەممىگە قادىر، قىسقا مۇساپىلىق كوللېكتىپ قوغلىشىش قاتارلىق جەمئىي 38 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان.

  شىنجاڭلىق ماھىر ليۇ زىخاۋ ئەرلەر ئا گۇرۇپپىسىنىڭ 1500 مېتىر ۋە 5000 مېتىرغا تېيىلىشتا چېمپىيون بولدى، ما يۈخەن قىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە 1500 مېتىر ۋە 3000 مېتىرغا تېيىلىشتا چېمپىيون بولدى، دېڭ جىخەن ئەرلەر ب گۇرۇپپىسى بويىچە ھەممىگە قادىر تۈرىدە ۋە 1500 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى، ما رۈيجيې ئاياللار ب گۇرۇپپىسى 1000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر