باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018- يىلى 12- ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 9350 تۈلۈك مەسىلە بىر تەرەپ قىلىندى

2019.01.17 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە 16- يانۋار ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2018- يىلى 12- ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 9350 تۈرلۈك مەسىلە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭدا، 13 مىڭ 411 كىشى جازالانغان، 9748 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن. بۇنىڭدا، بەش نەپەر ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر، 97 نەپەر ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىك كادىر، 852 نەپەر باشقارما دەرىجىلىك كادىر ۋە 8794 نەپەر يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئۇلارغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

  پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ھەر قايسى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىدىن ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.

  2018- يىلى 12- ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 9350 تۈرلۈك مەسىلە ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تەمىنات تارقىتىشقا ئائىت مەسىلىلىرىدىن 2584ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلار ۋە ھۆرمەت پۇلى ئېلىش-بېرىش مەسىلىلىرىدىن 1803ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىلىرىدىن 1508ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىلىرىدىن 1105ى، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ھالدا كۈتىۋېلىشنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلىگەن، يۇقىرى سەۋىيەلىـك ھالدا ئىستېمال قىلىنغان كۆڭۈل ئېچىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىش، رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۇرالغۇلاردا تۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپەت بېرىشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن 796ى، چېكىدىن ئاشقان ھالدىكى ھەشەمەتلىك توي-تۆكۈنلەردىن 758ى، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش مەسىلىلىرىدىن 501ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش مەسىلىلىرىدىن 274ى، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىش مەسىلىلىرىدىن 21ى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر