باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئۈچ كادىر ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلمەكتە

2019.01.18 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگان تورى يېقىندا ئۈچ كادىرنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  جياڭمېن ئېنپىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى فىڭ گونۈەن تەكشۈرۈلدى

  ئېنپىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى فىڭ گونۈەن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  ياڭجياڭ شەھىرى خەيلىڭ ئارىلى ئىقتىساد تەرەققىيات تەجرىبە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى لياڭ شياڭۋېن پارتىيەدىن قوغلاندى، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

  يېقىندا، ياڭجياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ياڭجياڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتى ياڭجياڭ شەھىرى خەيلىڭ ئارىلى ئىقتىساد تەرەققىيات تەجرىبە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى لياڭ شياڭۋېننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەر ئېنىقلاندى: لياڭ شياڭۋېن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ساختا تالون كېسىپ ھېساب ئۆتكۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك خىراجەت پۇلىنى نەقلەشتۈرگەن؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن. ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەت مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان، خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەن.

  جيې ياڭ شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئورمانچىلىق شۆبە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى گو يىڭبو پارتىيەدىن قوغلاندى، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

  يېقىندا، جيې ياڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتى جيې ياڭ شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئورمانچىلىق شۆبە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى گو يىڭبونىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۆۋەندىكىلەر ئېنىقلاندى: گو يىڭبو سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغا، پارا قوبۇل قىلغان، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپەت بېرىشىنى قوبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى يوشۇرغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغان. ساختا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئىشلەتكەن؛ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، دېلوغا چېتىشلىق پۇل – مالنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەن؛ ئالاقىدار دېلو بېجىرىش جەريانىدا، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا قانۇنسىز نەپ يەتكۈزۈپ، باشقىلاردىن پۇل – مال قوبۇل قىلىپ، پارا ئېلىش جىنايىتىنى سادىر قىلغان؛ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ئۆز پايدىسىنى كۆزلەپ، جىنايەت سادىر قىلغان كىشىلەرنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ، جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرمەي، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر