باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر يەر كۆلىمى 1 مىليارد 480 مىليون مو بولغان ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش خىزمىتى تاماملاندى

2020- يىلىغا بارغاندا، 800 مىليون مودىن كۆپرەك ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ پۈتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2019.01.18 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈرىتىنى تېزلىتىش ۋە تەلىپىنى توپلاشتۇرۇش بويىچە، يېزا ئىسلاھاتىغا ئائىت ھالقىلىق جايلاردا دەل جايىدا كۈچەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەش ۋە نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش يېڭى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى قاتارلىق يەرلەردىن 930 مىليون مو يەر ئايرىپ چىقىلىپ، شال، بۇغداي ۋە دادۇر قاتارلىقلارنى ئايرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. 2019- يىلى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى قاتارلىق يەرلەرنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 مىليارد 58 مىليون مو يەرنى ئايرىپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەز مۇنۇلارنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇردى: 2020ـ يىلىغا بارغاندا، 800 مىليون مودىن كۆپرەك ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېزا يەر ئىسلاھاتى تۈزۈمى سالماق ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2018ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەر كۆلىمى 1 مىليارد 480 مىليون مولۇق كۆلەمدىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش خىزمىتى تاماملاندى، ھۆددە يەرلەرنىڭ ئەمەلىي ئۆلچەنگەن كۆلىمى %89.2نى ئىگىلىدى، 30 ئۆلكىنىڭ دوكلاتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2018- يىلى، دۆلىتىمىز يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش نەتىجىسىدە، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا چېتىلىدىغان ناھىيەلەر مىڭغا يېتىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا تۇنجى قېتىم تىزىملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى، 130 مىڭدىن ئارتۇق كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسى تاماملىنىپ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر