باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گۇتېرىس: بىز بۈگۈنكى كۈندە ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۆپ تەرەپچىلىككە ئېھتىياجلىق بولماقتىمىز

2019.01.21 14:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس ئۈلۈشكۈن 2019-يىللىق تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھېچقانداق دۆلەت ئۆز ئالدىغا دۇنياۋى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. بىز بۈگۈنكى كۈندە ئىلگىركى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۆپ تەرەپچىلىككە ئېھىتياجلىق بولماقتىمىز.

  گۇتېرىس مۇنداق دېدى: دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشى، كۆچمەنلەر، تېررورلۇق تەھدىتى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. دۇنياۋى خىرىس دۇنياۋى ھەل قىلىش لايىھەسىگە ئېھتىياجلىق. مېنىڭچە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس «كونكىرت جاۋابى» بار ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ۋەھىمىسى ۋە تەشۋىشىنى يىنىكلىتىش.

  گۇتېرىس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تىرىشىش يۆنىلىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ كونكىرت ھەل قىلىش لايىھەسى ئارقىلىق ئارقىدا قالغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر