باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11 شەھەردە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ

تاللانغان دورىلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرىچە %52 تۆۋەنلىدى (سىياسەت يېشىمى)

2019.01.18 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، چۇڭچىڭ ۋە شېنياڭ، داليەن، شيامېن، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق 11 شەھەردە دۆلەت تەشكىللىگەن دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇلتۇر 12- ئايدا، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلاردىكى خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشتا تاللىنىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 25 تۈر تاللىنىپ، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %52 كە يەتكەن، ئەڭ يۇقىرى تۆۋەنلەش نىسبىتى %96كە يەتكەن ئىدى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 11 شەھەردە تاللىنىش نەتىجىسىنى يولغا قويۇش باشلىنىدۇ، بىمارلار سىناق نۇقتىسىدىن سېتىۋېلىنغان دورىلارنى ئىشلىتەلەيدۇ.

  17-يانۋار چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جىنپۇ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ زوڭجيۇ، دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈەن لىن قاتارلىقلار سىناق نۇقتىلىرىدا رايون ئاتلاپ بىرلىشىپ مىقدارلىق سېتىۋېلىش، باھانى چۈشۈرۈپ سۈپەتنى تۆۋەنلەتمەسلىك، دورا پۇلىنى راسچوت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇللىرىنى يېشىپ چۈشەندۈردى.

  __ بۇ قېتىمقى نۇقتىدا سىناق قىلىش بىلەن ئىلگىرىكى دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇرۇنقى ئۆلكە بىرلىك قىلىنغان دورا بۇيۇملىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىم دۆلەتنىڭ سىناق نۇقتىسىغا قارىتا ئاساسىي سىياسەت، دائىرە ۋە تەلەپ دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، دۆلەت نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشخانىسى دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتا ئىدارىسىدا تەسىس قىلىندى. ئىتتىپاق تۈزگەن رايونلاردىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى مەركەزلىك سېتىۋېلىش سۇبيېكتى قىلىنىپ، دورىنى ئوچۇق سېتىۋېلىش سۇپىسىغا ھاۋالە قىلىنىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىپ، رايون ھالقىغان ئىتتىپاق تۈزۈلۈپ، مەركەزلەشكەن مىقدارلىق سېتىۋېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا، سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان دورىلارغا قويۇلغان تەلەپ بىر قەدەر يۇقىرى، ھەممىسى سۈپىتى ۋە داۋالاش ئۈنۈمى بىردەك باھالاشتىن ئۆتكەن تەقلىدىي دورىلار بولۇپ، ئەسلىي تەتقىق قىلىپ چىقىلغان دورىلار بىلەن تەڭ رىقابەتلىشىپ، ئورنىنى ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدا، دورا باھاسى روشەن تۆۋەنلىتىلىپ، بىمارلارنىڭ دورا پۇلى يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسەت قىلىنغان.

  كونكرېت سېتىۋېلىش جەھەتتە تۆت تۈرلۈك تەدبىر يولغا قويۇلىدۇ: مىقدارلىق سېتىۋېلىش، مەھسۇلات مىقدارى ئارقىلىق باھانى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، سىناق رايونلىرىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يىللىق دورا ئىشلىتىش ئومۇمىي ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ %60ىدىن %70ى بويىچە سېتىۋېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى مۆلچەرلەپ، مىقدارلىق سېتىۋېلىش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ، تاللانغان دورىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلىتىش باسقۇچلىرىغا قارىتا تولۇق باسقۇچ بويىچە سۈپىتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ؛ قەرز قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ %30تىن تۆۋەن بولمىغان قىسمى مۇددەتتىن بۇرۇن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئالدىن تۆلىنىدۇ، شارائىتى يار بېرىدىغان شەھەرلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى سىناق قىلسا بولىدۇ.

  پۈتكۈل نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى باسقۇچ خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئايدا ئېلىپ بېرىلىپ، دورا تاللاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، 25 تۈرلۈك مەھسۇلات تاللىنىپ، باھاسى ئوتتۇرىچە %52 چۈشۈرۈلدى. 2-باسقۇچ خېرىدار بولۇش نەتىجىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچتا باھالاش، خۇلاسىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر