باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ شەخسىي ئادۋۇكاتىغا پارلامېنتتا يالغان سۆزلەش ھەققىدە يوليورۇق بەردى دېگەن خەۋەرلەر «توغرا ئەمەس»

2019.01.21 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋەقەسى»نى تەشكۈرۈشكە مەسۇل ئالاھىدە تەپتىش ئەمەلدارى مىللېرنىڭ ئىشخانىسى ئۈلۈشكۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىندا زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ ئىلگىرى شەخسىي ئادۋوكاتى كوھېنغا پارلامېنتقا يالغان سۆزلەش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ مەزمۇنى «توغرا ئەمەس».

  ئامېرىكا ۋىڭ ۋىڭۋى خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككەيلەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋېرىگە قارىغاندا، مىللېر كوللىكتىپى ئىگىلىگەن ئىسپاتلاردىن ترامپنىڭ ئىلگىرى كوھېنغا موسكۋادا ترامپ سارىيى قۇرۇش پىلانى توغرىسىدا رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىكى ئەھۋاللار ھەققىدە پالامېنتقا يالغان سۆزلەش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكى ئايان بولغان. بۇ خەۋەر ئامېرىكىدىكى ھاكىمىيەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى ترامپنىڭ ئەدلىيە تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىغانلىقىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  مېللېر ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى كار باياناتىدا: كوھېن پارلامېنتنى تەمىنلىگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرى توغرىسىدا ئامېرىكا ۋىڭ ۋىڭۋى ئاخبارات تورى بېكىتى مېللېر ئىشخانىسى ئېرىشكەن ھۆججەت ۋە گۇۋاھلىق سۆزلىرى قاتارلىقلار ھەققىدىكى بايانلار «توغرا ئەمەس» دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر