باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاۋ كېجى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشقا بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىش لازىم، دەپ تەكىتلىدى

2019.01.18 18:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى 17-يانۋار مەملىكەت بويىچە ج خ نازارىتى، ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»نى مۇستەھكەملەپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يېڭى بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سادىق بولۇپ، تەبرىكەش پائالىيىتىنى قوغداش» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك زور خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەل قىلىشنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش لازىم.

  جاۋ كېجى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ساقچىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى، پۈتۈن ساقچىلارنىڭ كۈچىنى توپلاپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش جېڭى، خەۋپ-خەتەرنى ھەل قىلىش جېڭى، جىنايەتكە قاتتىق زەربە بېرىش تەشەببۇسكارلىق جېڭى، جامائەت بىخەتەرلىكىنى تۈزەش جېڭى، ئىجتىمائىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئومۇمىي جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش لازىم. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ساقچى كۈچىنى كۈچەيتىش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك. پارتىيەنى، ساقچى كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولغان، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر