باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش- چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

2019.01.24 09:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش- چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇن كۆرۈشكە قاتناشقان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ھەم چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  جەڭ ناخشىسىدا ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇلدى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا كۈچ مۇجەسسەملەندى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى چوشقا يىلىدىكى چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، قوغداش، گۈللەندۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلار جۇڭگو تىياتىرخانىسىغا شاد- خۇرام جەم بولۇپ، كاتتا چاغاننى خۇشال كۈتۈۋالدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئارىسىغا يېتىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆيۈنۈپ سورىدى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە ئىشلىرىدا نامايان بولغان يېڭى كەيپىيات، يارىتىلغان يېڭى ۋەزىيەت، قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى. پېشقەدەم يولداشلار بىردەك يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئويۇن مۇقەددىمە «دەۋرنىڭ باھارى» ۋە «مەشىق مەيدانىدىكى ئەسكەرلەر»، «چېگرا ئۆتكىلىدىن كەلگەن شامال»، «يېڭى دەۋر ناخشىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن، ئويۇندا ۋەتەننى سۆيۈش- كۈرەش قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش- غەلىبە قىلىشتەك ماھىيەتلىك مەزمۇن باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتىنىڭ سالاپىتى نامايان قىلىندى، خەلق ئارمىيەسى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى ئىسلاھاتىدا قايتا يارىتىلغان نەتىجىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى. كۆرۈنۈشلۈك ناخشا- ئۇسسۇل «جاراڭلىق بۇيرۇق»، جەڭگىۋار چاتما ناخشا «بىزنىڭ ئاسمىنىمىز»، «ئەسكەرلەرنىڭ ئىرادىسى غەلىبە دېمەكتۇر»، باش ناخشا ۋە خور «دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشقا يۈرۈش قىلايلى» قاتارلىق نومۇرلاردا ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتقان قايناق مەنزىرىلەر بەدىئىي شەكىلدە ئىپادىلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملارنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، يېڭى دەۋردە جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈۋاتقان جانلىق ئەمەلىيەت نامايان قىلىندى. نادىر كونا ناخشا «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»، «كىر يۇيۇش ناخشىسى. كۆكتىكى يول»، «مەدھىيە ناخشىسى» قاتارلىق نومۇرلاردا كۆپ خىل بەدىئىي شەكىللەر ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسى بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى نامايان قىلىندى، «ھاياتىم بىلەن سېنى قوغدايمەن»، «ئالىقانچىلىك زېمىننىمۇ تارتقۇزۇپ قويمايمىز» قاتارلىق ناخشىلاردا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش ئىرادىسى، جاسارىتى ئېنىق جاكارلاندى. «يېڭى زېمىن»، «قىزىل بايراق جەۋلان قىلماقتا»، «ۋەتىنىم»، «مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىم ئۈچۈن پوستتا تۇرىمەن»، «بىللە ئاتلىنايلى» قاتارلىق كونا- يېڭى ناخشىلاردا پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قوغداپ، تۆھپە قوشۇش روھى ۋە كۈرەش نەتىجىسى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خۇشال كۈتۈۋالىدىغان مەردانە ھېسسىياتى ئىپادىلەندى. ئويۇن «پارتىيە بايرىقى مەڭگۈ جەۋلان قىلىدۇ» ناملىق جۇشقۇن ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلىشىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، يادرونى قەتئىي قوغداپ، قوماندانلىققا قەتئىي بويسۇنىدىغان ئۇيۇل تاشتەك ئېتىقادى ئىپادىلەندى.

  شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن بىللە كۆردى.

  ئويۇننى كۆرگەنلەردىن يەنە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر- جەڭچىلەر ۋەكىللىرى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر