باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شۇ يۈخۇينىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى

2019.01.24 10:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 15- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا، شۇ يۈخۇينىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، ھەمدە 5- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تيەنجىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چۈەنجيەن تەبىئىي مېدىتسىنا پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتىگە ۋە ساختا ئېلان بېرىش جىنايىتىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان. 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى يىغىنىدا، شۇ يۈخۇينىڭ مەزكۇر پارتىيەنىڭ 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى قارار ماقۇللانغان. 1- ئاينىڭ 13- كۈنى، شۇ يۈخۇينىڭ تيەنجىن شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، دائىمىي ھەيئىتى ۋە شەھەرلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. نۆۋەتتە، چۈەنجيەن شىركىتىدىكى شۇ يۈخۇي قاتارلىق 16 كىشىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش تەستىقى چۈشۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر