باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 25-يانۋار سۆزلىگەن تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى 10 چوڭ «ئالتۇن جۈملىلەر»

2019.01.28 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەھرىر ئىلاۋىسى: 2019-يىلى 1- ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئومۇمىي تاراتقۇ دەۋرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ھەققىدە 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار خەلق گېزىتخانىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇ بىناسىغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە خەلق تورىنىڭ ئومۇمىي تاراتقۇ كونترول مەركىزىدە خەلق تورىنىڭ باش لىدېرى يې جېنجېننىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، يەنە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى، خەلق تورى ئالايىتەن ئون چوڭ «ئالتۇن جۈملىلەر»نى تاللاپ ئېلىپ، تورداشلارنىڭ ئوقۇشىغا سۇندى.

  بىرىنچى، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي تاراتقۇ قۇرۇش بىز دۇچ كەلگەن جىددىي تېما بولۇپ قالدى. ئۇچۇر ئىنقىلابى نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت پىكرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە جامائەت پىكرى مەدىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

  ئىككىنچى، تاراتقۇلار ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك تاراتقۇلار، گولوگرافىك تاراتقۇلار، پۈتۈن خادىملىق تاراتقۇلار، پۈتۈن ئۈنۈملۈك تاراتقۇلار پەيدا بولدى، ئۇچۇرلار ھەممە يەردە بار، ھەممىگە قادىر، ھەممە ئىشلىتىدىغان بولۇپ، جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسى، تاراتقۇ ئەندىزىسى، تارقىتىش ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى.

  ئۈچىنچى، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەرياننى ئەلالاشتۇرۇش، سۇپىنى قايتا بەرپا قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك تارقىتىش بايلىقى، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر مەزمۇنى، تېخنىكىلىق قوللىنىش، سۇپا تېرمىنالى، باشقۇرۇش ۋاسىتىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر گەۋدە ئۈنۈمىنى چوڭايتىش، بىر تۈركۈم ئىنتايىن زور تەسىر كۈچى بار، رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى بەرپا قىلىش لازىم.

  تۆتىنچى، كۆچمە تارقىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلار كۆچمە تارقىتىشتىن پايدىلىنىپ جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك تارقىتىشتىكى ئۈستۈنلۈكنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  بەشىنچى، ئاخبارات توپلاش، ئىشلەپچىقىرىش، بۆلۈپ تارقىتىش، قوبۇل قىلىش، قايتما ئىنكاس جەريانىدا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلار، مەركەز تاراتقۇلىرى بىلەن يەرلىك تاراتقۇلار، ئاساسلىق تاراتقۇلار بىلەن سودا سۇپىلىرى، ئاممىباب تاراتقۇلار بىلەن كەسپىي تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ، بايلىق تۈجۈپىلەشكەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، پەرقلىق تەرەققىي قىلغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىدىغان ئومۇمىي تاراتقۇلار تارقىتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

  يەتتىنچى، يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، تور بوشلۇقىمىزنى تېخىمۇ ئوچۇقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  سەككىزىنچى، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى تۈزۈپ، يېڭىچە تارقىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلارنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاساسىي ئېقىمدىكى قىممەتنىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر يەتكۈزۈش لازىم.

  توققۇزىنچى، ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلارنى ۋاقتىدا تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ، نۇقتىئىنەزەرى ئېنىق بولغان ئۇچۇر مەزمۇنلىرى بىلەن تەمىنلەپ، جامائەت پىكرى سورۇنىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش لازىم.

  ئونىنچى، پارتىيە گېزىت- ژۇرناللىرىنى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تور بېكەت، مىكرو بلوگ، ئۈندىدار، ئېلېكتىرونلۇق گېزىت ئوقۇش سەھنىسى، يان تېلېفون گېزىتى، تور تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك جانلىق مۇلازىمەت شەكلىدىكى، سىناق خاراكتېرىدىكى ئاخبارات-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئاخبارات تارقىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى، پۈتۈن كېلىماتقا كېڭىيىشىنى، كۆپ ساھەگە كېڭەيتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئاۋازىنىڭ ھەرخىل ئابونتلار تېرمىنالىغا بىۋاسىتە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى جامائەت پىكرى سورۇنىنى ئىگىلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر