باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن لى سىۋوڭ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى

ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى ھەمدە ئويۇن كۆردى

2019.01.28 15:06   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن لى سىۋوڭ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن بىرگە 27- يانۋار بېيجىڭدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلقئارا ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى سىۋوڭ باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن چاۋشيەن دوستانە سەنئەت ئۆمىكىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ ئويۇن قويۇشىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئويۇن بولسا، بىر تەرەپتىن جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى زىيارەت قىلىپ ئويۇن قويۇش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشقۇسى، شۇ ئارقىلىق، جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق مېھرىنى ئاشۇرغۇسى.

  لى سىۋوڭ ئالدى بىلەن كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن ۋە رى سولجۇ خانىمنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خانىمغا بولغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى، ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ دوستلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ ئويۇن قويۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭمۇ لى سىۋوڭغا ھاۋالە قىلىپ، ئۆزىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن ۋە رى سولجۇ خانىمغا بولغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇش تىلىكىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018- يىلىدىن بۇيان، مەن كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن 4 قېتىملىق ئۇچرىشىشقا قاتناشتىم، ھەمدە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بۇ يىل جوڭگو بىلەن چاۋشىيەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت-سائادەت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش بولسا، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە نۇرغۇن ئۆزگىچىلىك ۋە ئەنئەنىلەرگە ئىگە پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن جۇڭگو-چاۋشيەن مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشىمىزنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش، ھەمدە جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ پائال تۆھپىلىرىنى قوشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…