باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2019- يىللىق «جۇڭگو − لائوس ساياھەت يىلى»غا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2019.01.28 10:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019- يىللىق «جۇڭگو − لائوس ساياھەت يىلى» 1- ئاينىڭ 25- كۈنى لائوسنىڭ ۋىيېنتياندا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى ئەۋەتىپ، ساياھەت يىلىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن لائوس سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا قوللاپ، ئىقتىساد جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئەنئەنىۋى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى سىجىل، چوڭقۇر راۋاجلاندۇردى. جۇڭگو تەرەپ لائوسنى ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ دەپ قارايدۇ، لائوس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لائوس ئوخشاشلا شانلىق مەدەنىيەتكە، گۈزەل مەنزىرىگە ئىگە. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى بىر دەريانىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچىپ، بىر چۆمۈچتە سۇ ئىچكەن بولۇپ، ئىككىلا تەرەپنىڭ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك كۈچلۈك ئارزۇسى بار. ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەت يىلى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، خادىملارنىڭ بېرىپ- كېلىشىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر ئەلرايى ۋە ئىجتىمائىي ئاساس يېتىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2018- يىلى 5- ئايدا، شى جىنپىڭ بېيجىڭدا زىيارەتكە كەلگەن لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسى بېنياڭ بىلەن 2019- يىلى «جۇڭگو − لائوس ساياھەت يىلى»نى ئورتاق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. جۇڭگو- لائوس ئىككى تەرەپ پۈتۈن يىلغا سىڭدۈرۈلگەن كۆرگەزمە، ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى، مۇنبەر، تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو- لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر