باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

فىرانسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 55 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2019.01.28 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-يانۋار فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆزئارا تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، دۇنيا يۈز يىلدا كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتى نۇرغۇن پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو ۋە فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ، ئالاھىدە تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پائال يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، زىچ سىجىل بولغان جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر