باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجىنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن نۇسخىسىنى يارىتايلى

2019.01.24 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان 2018-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «نەتىجىسى» دە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى: پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسىپىدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ، كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قەرز نىسبىتى يەنە 0.4 پوئېنت تۆۋەنلىدى، 3-كەسىپنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %60 كە يېقىن ئاشتى....

  نۆۋەتتە، ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان بولماقتا، ئىسلاھات تېخىمۇ كۆپ يېڭى خىرسلارغا دۇچ كەلمەكتە. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجىنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا «يېڭى مەنزىلگە» يۈزلىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو پولات-تۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، ئېلىمىزدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كارخانلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 146 مىليارد 700 مىليون يۇەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.9 ئاشقان، چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان پايدىسى 280 مىليارد 200 مىليون يۇەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.5 ئاشقان، ئىلگىرىكى «كۈنى ناھايىتى قېيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان» ئىككى چوڭ كەسىپ نۇرغۇن يىل كۆرۈلۈپ باقمىغان «ياخشى كۈنگە» ئېرىشتى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز ئىقتىسادى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ھەم تىپىنى ئۆزگەرتىش قېيىنچىلىقى بار، ھەم ئۆزگىرىش ۋە خىرسمۇ بار. 2018-يىلى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» تا داۋاملىق ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ياخشىلاندى، يېڭى قۇۋۋەت تەدرىجى زورايدى، يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھالەت، يېڭى قېلىپ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى.

  مىكرو سۇبېكىت بازار ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى، بازارنىڭ مىكرو سۇبېكتىنىڭ ھاياتى كۈچى يېتەرلىك بولسىلا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ. كارخانىچىلار تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشكە ئەڭ دىققەت قىلدى، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىشنى كۈتمەكتە.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەر يۈز يۇەنلىك ئاساسىي تىجارەت كىرىمىدىكى تەننەرخى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن داۋاملىق 0.21 يۈەن ئازايغان. مەملىكەت بويىچە كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ يۈكنى يېنىكلىتىش ئومۇمىي كۆلىمى مۆلچەردىكى 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 1 تىرىليون 300 مىليون يۇەنگە يېتىشى مۇمكىن.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى كەسىپ ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ خەنچۇەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئىگىلىك تىكلەشتىكى سۇبيېكىتلىق ھەرىكەتچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىشچانلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىش، تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. باجنى كېمەيتىش ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن باشقا، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئوچۇق بازار قائىدىسى ۋە قانۇنچىل سودا مۇھىتىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، ئىلغارلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللىۋېتىش يېتەكچى قىلىنغان توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزىمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  ئەگەر ئەمەلىي ئىقتىسادنى خەلق ئىگىلىكىنىڭ گەۋدىسى دېسەك، ئۇنداقتا پۇل-مۇئامىلە بۇ گەۋدىگە تىرەك بولىدىغان قان. بىراق بەزى ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرى بولۇپمۇ پۇقراۋى، كىچىك ۋە ئۇششاق كارخانىلار دائىم «قان ئازلىق» ئازابىنى تارتماقتا.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىم ئامىل ئوبوروتىدا يەنىلا توسالغۇ مەۋجۈت، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىرلىككە كەلگەن بازار قۇرۇلۇشىدا يەنىلا غايەت زور بوشلۇق بار. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەتلىشىدىغان تەرتىپلىك زامانىۋى بازار سېستىمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى بازىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سۇبېكتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، پۇل-مۇئامىلە ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر