باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىلى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش سوۋغىسى تېزدىن ئەمەلىيلىشىدۇ

2019.01.24 09:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىلى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش سوۋغىسى تېزدىن ئەمەلىيلىشىدۇ. نۇرغۇن جايلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەڭ تۆۋەن مۇئاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كۆزنىكىنى ئاچتى، يەرلىك يېقىنقى مەزگىلدە ئاھالىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا كەينى-كەينىدىن لايىھەلەرنى چىقاردى، يەرلىكنىڭ «ئىككى يىغىنى»لىرىدا، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇشنىڭ كونكىرىت كۆرسەتكۈچى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بەزى ئۆلكىلەر 2019-يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %10تىن كۆپرەك ئاشۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك مىنستىرلىق، كومىتېتلار ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى كېڭەشمەكتە.

  دۆلەتلىك ئىستاتستىكا ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %6.7ئاشقان، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېىششى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاساسى جەھەتتىن بىردەك بولغان.

  2019-يىلى ئاھالىلەر كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ پايدىسى يەنىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، ئەڭ تۆۋەن مۇئاش ئۆلچىمى ئاز دېگەندە ھەر ئىككى، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تەڭشىلىدۇ، چۇڭچىڭ 2019-يىلى 1-ئايدا مۇئاشنى ئۆستۈردى، ئىككى دەرىجە مۇئاش ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەسىلدىكى ئۆلچەمدىكى ئېيىغا 1500يۇەن ۋە ئېيىغا 1400يۇەندىن 300 يۇەن ئۆسكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، خېبېي ئالدىنقى نۆۋەت 2016-يىلى بىر قېتىم ئۆستۈرگەن، 2019-يىلى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇنەن، شەنشى قاتارلىق 14 ئۆلكە 2017-يىلى ئەڭ تۆۋەن مۇئاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن، بۇ يىل قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ داۋاملىق ئۆستۈرۈشىدىن ئۈمىد باركەن.

  يېقىنقى مەزگىلدە، نۇرغۇن جايلار يەنە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى چىقىرىپ ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. ئەنخۇي، خەينەن ئۆلكىلىرى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردە 2020-يىلغا بارغاندا، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلدىكىدىن بىر قاتلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېقىندا كەينى-كەينىدىن ئېچىلىۋاتقان يەرلىكنىڭ «ئىككى يىغىنى»لىرىدا ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا كونكىرىت كۆرسەتكۈچ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن، فۇجيەن شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %8ئاشۇرۇش، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %8.5 ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىزاڭ بۇ يىل دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەمگەك خاراكتېرلىك كىرىمىنى %20تىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى، سىياسەتنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى، شەھەر-بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %10 كۆپرەك ئاشۇرۇش، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %13تىن كۆپرەك ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مەركەز قاتلىمىدىن ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشمۇ زىچ ئىلىپ بېرىلماقتا. مۇخبىر يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ شەھەر، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شۇنداقلا كىرىم تەقسىماتى بويىچە يەرلىكلەر سۆھبەت يىغىنى قاتارلىقلارنى باشلىغان. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر قەدەمدە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لاھىيەلەشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر