باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ خۇڭسىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.01.24 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش كەلگەن كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى، جۇڭگو بىلەن كامبودژا دوستلۇقىنىڭ ئۇرۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. 1-ئاينىڭ 21-كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن سەمىمىي، دوستانە كۆرۈشتى. جۇڭگو كامبودژا بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش روھى بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئادا قىلىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئاۋالقىدەكلا قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى كامبودژانىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇشنى خالايدۇ. بىز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كامبودژانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، قاتناش، ئېلېكتر قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، كامبودژانىڭ زۆرۈر قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ سىخانۇك پورتى ئىقتىسادى ئالاھىدە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، 2019-يىللىق «جۇڭگو- كامبودژا ساياھەت يىلى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى، لەنساڭجىياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق رامكىلاردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو كامبودژانىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە داۋاملىق مادارىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  خۇڭسىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كامبودژانىڭ يېقىن ھەمكارلىق شېرىكى. كامبودژا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. كامبودژا جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قەتئىي قوللىغانلىقى ۋە زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى خەلق سارىيىنىڭ شىمالى زالىدا خۇڭسننىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسمىي ئۆتكۈزدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، لى كېچياڭ بىلەن خۇڭسىن جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئىككى تەرەپلىك نۇرغۇن ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى. ئىككى تەرەپ يەنە جۇڭگو بىلەن كامبودژا بىرلەشمە ئاخباراتىنى ئېلان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر