- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەخلاق ئۈلگىلىرىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە كۆيۈنۈشى نامايەن قىلىندى
2019.01.24 09:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2019-يىللىق چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن ھال سوراش، ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ئىللىقىنى يەتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەخلاق ئۈلگىلىرىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە كۆيۈنۈشىنى نامايەن قىلدى، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۈگىنىش، ئەخلاقلىق بولۇشنى ئەۋج ئالدۇرۇشتەك قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ھال سوراش گۇرۇپپسىنى ئاساسى قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشكە ئەۋەتتى، ئۇلار 26 جايغا بېرىپ، مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى يوقلاپ ۋە ھال سوراپ، مەركەزدىكى رەھبىرى يولداشلارنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بەردى ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جايلارمۇ ئۆز رايونىدىكى تۈرلۈك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى يوقلاپ ھال سوراش، سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، جەمئىيەت ئىئانە بېرىش، پىدايىلار مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، غەمخۇرلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي قېيىنچىلىقنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كىشىلەرنى ئەخلاق ئۈلگىلىرىدىن ئۈگىنىش، ئۇلارغا غەمخۇرلۇق قىلىش، كۈيۈنۈشكە يېتەكلەپ، ئەخلاقلىقلار ئېرىشىدىغان، ياخشىلىق يەردە قالمايدىغان روشەن قىممەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر