باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ خۇڭسىن بىلەن كۆرۈشتى

2019.01.24 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسىن بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ دوستلۇق ئاساسى چوڭقۇر، سىياسى جەھەتتىكى بىر-بىرىگە ئىشىنىشى مۇستەھكەم. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇردى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزۈلدى. 1-ئاينىڭ 21-كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى پىلانلىدىڭلار. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى كامبودژانىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسى كېڭەشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسى مەسىلىھەت كېڭىشىمۇ كامبودژانىڭ ئاپپاراتلىرى بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە داۋاملىق ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ۋە بىر-بىرىنى ئەينەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

  خۇڭسىن مۇنداق دېدى: كامبودژا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شۈ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇڭسىن بېيجىڭ تىيەنئەنمىن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل-چەمبىرەك قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر