باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكىدىن باراۋەر ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2019.01.24 11:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي رىيابىكوف 1-ئاينىڭ 21-كۈنى: ئامېرىكا 9M729 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياۋروپا-ئاسىياغا تەھدىت پەيدا قىلدى دەپ يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەپ، رۇسىيەدىن بۇ خىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى «ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان شەكىلدە يوقىتىش»نى مۇراجىئەت قىلدى.

  رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي رىيابىكوف 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش 9M729 تىپلىق قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا «ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»غا خىلاپلىق قىلدى دېگەنلىكىگە رۇسىيە ئوچۇق پوزىتسىيەدە بولىدۇ، بىراق ئامېرىكا قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان «زىۋىس قالقىنى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشقا ئوخشاش پوزىتسىيە بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.

  شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكا 9M729 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياۋروپا-ئاسىياغا تەھدىت پەيدا قىلدى دەپ يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەپ، رۇسىيەدىن بۇ خىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى «ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان شەكىلدە يوقىتىش»نى مۇراجىئەت قىلدى.

  رىيابىكوف مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكىنى «خاتىرجەمسىزلەندۈرگەن» 9M729 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەققىدە «مىسلىسىز ئاشكارە» پوزىتسىيەدە بولۇشقا تەييار. رۇسىيە ئامېرىكىنى بۇ خىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تونۇشتۇرۇشى بىلەن تەمىنلىدى، ئىقتىدارىنىڭ «ئەھدىنامىدە بەلگىلەنگەن دائىرىگە ھەرگىز خىلاپ ئەمەسلىكىنى» ئىزاھلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ رۇمىنىيە ھەمدە پولشادا قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان «زىۋىس قالقىنى» باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن، رۇسىيە ئامېرىكىدىن «ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىش»نى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە فېدىراتسىيەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى پاترۇشوۋ بۇندىن بۇرۇن: 9M729 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 476 كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ، 500 كىلومېتىر ئىچىدە، بۇ «ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»غا خىلاپ ئەمەس دېگەن.

  1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش بويىچە باش ئەلچىسى ۋۇد 9M729 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى مۇنتىزىم ئوق بېشىمۇ، يادرو ئوق بېشىمۇ ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، ئېتىلىش مۇساپىسى 500 كىلومېتىردىن 1500 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، ياۋروپا ۋە ئاسىياغا يوشۇرۇن ۋە بىۋاستە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن.

  ۋۇد رۇسىيەنىڭ بارلىق مۇشۇ تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى ھەمدە ئالاقىدار جابدۇقلارنى «ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان شەكىلدە يوقىتىپ»، «ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ بۇلتۇر 10-ئايدا «ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ 9M729 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسىدىكى بۆسۈش شەرتنامىنى چەكلەپ قويدى دەپ سەۋەب كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئالدىنقى ئايدا رۇسىيەنىڭ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى يوقىتىشىغا 60 كۈن مۆھلەت بېرىمىز، بولمىسا 2-ئاينىڭ 2-كۈنى شەرتنامىدىن رەسمىي چېكىنىشنىڭ ئالتە ئايلىق مۇساپىسىنى باشلايمىز دېدى. رۇسىيە «ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا شەرتنامە»گە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 29 ئەزاسىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا رۇسىيە ۋەكىللىرى بىلەن «ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نى چۆرىدەپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-رۇسىيە كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىنى ئاچماقچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇ يىغىن مۇددەتتىن بۇرۇن 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغاندەك قىلىدۇ.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن دىپلوماتلىرى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ياۋروپادىكى نۇغۇن ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىپ، رۇسىيەنى شەرتنامىگە ئەمەل قىلىشقا كۆندۈرىدۇ دېدى.

  گېرمانىيە ئاگېنتلىقى «ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا شەرتنامە» بىكار قىلىنسا، بۇ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىكى خەيىم-خەتىرنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىدا يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى مۇزاكىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ چۈشەندۈردى. بەزى ھەربىي تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە روسىيەگە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن، يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى كۆپەيتىشى بىردىنبىر چىقىش يولى.

  «ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نىڭ تولۇق نامى «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىنى بىكار قىلىش شەرتنامىسى»، 1987-يىلى ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رىگان بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېف ئىمزالىغان، شەرتنامىدە ئىككى تەرەپ ئېتىش مۇساپىسى 500 كىلومېتىردىن 5500 كىلومېتىرغىچە بولغان، يادرو قورالىنىڭ توشۇش قورالى قىلىنىدىغان قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا ۋە باللىستىك باشقۇرىلىدىغان بومبىغا يەنە ئىگە بولمايدۇ، ئىشلەپچىقارمايدۇ ياكى سىناق قىلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-رۇسىيە كېڭىشى 2002-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزئارا ئىشەنچ ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان، رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالاقىشىدىغان ئەڭ مۇھىم سەھنە دەپ قارىلىپ كەلگەن. 2014-يىلى ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-رۇسىيە كېڭىشىنىڭ قەرەللىك يىغىنى بىر مەھەل توختاپ قالغان، 2016-يىلى 4-ئايدا قايتا باشلانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر