باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

2019.01.24 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ تۆنۈگۈن خەلق سارىيىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭ سېن بىلەن كۆرۈشتى. لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىرى بىر بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر بىرىنى قوللاپ، بىر بىرىگە ياردەم بېرىپ، دۆلەتلەر ئارا دوست بولۇپ ياخشى ئۆتۈش، ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يېڭى دەۋر مەزمۇنىنى ئاتا قىلدى. جۇڭگو كامبودژا بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يېتەكچى قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش، جۇڭگو بىلەن كامبودژا دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارسلىق قىلىنىشىنى پۇختا خەلق رايى ئاساسىي بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  خۇڭ سېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كەلگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەر قايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كامبودژا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر