باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىندىن بۇيان ئىراننىڭ سۇرىيەدىكى نىشانلىرىغا زەربە بېرىشنى كۆپەيتتى

2019.01.24 11:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە ئىراننىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي نىشانلىرغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن، سۇرىيە تەرەپ، ئىسرائىلىيە سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتىكى نىشانلارغا كۆپ قىتىم قوراللىق زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتىدا مۇنداق دېدى: بىز ئىراننىڭ مۇقەددەس ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيە زېمىنىدىكى نىشانلىرغا زەربە بەردۇق. ئىسرائىلىيە سۇرىيە قوراللىق قىسىمىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ۋە زېمىنىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان خەۋپ يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

  مۇقەددەس شەھەر ئارمىيەسى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىغا قاراشلىق بولۇپ، ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ چەتئەلدىكى ھەرىكىتىگە مەسئۇل. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە: مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى زەربە بېرىش نىشانى، مۇقەددەس شەھەر ئارمىيەسىنىڭ ئوق-دورا ئىسكىلاتى، بىر ئاخبارات پونكىتى ۋە بىر ھەربىي مەشىق لاگېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان مەزگىلىدە، سۇرىيە ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا نەچچە ئون باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە، ئىسرائىلىيە سۇرىيەنىڭ بىر قانچە ئون ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغان.

  سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت بىردە سۈرىيە چېگراسىدىكى نىشانلارغا زەربە بەرگەن؛ بىراق، سۇرىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىسرائىلىيە تەرەپ قويۇپ بەرگەن كۆپ ساندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ۋەيران قىلغان.

  سۇرىيە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشتىن ئىلگىرى، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمغا يېقىن بولغان نىشانغا قۇراللىق زەربە بەرگەن. ئىسرائىلىيە ئالتە دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن، سۇرىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بۇنىڭ بەشىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن، قالغان بىرسى ئادەمسىز ئېتىزغا چۈشۈپ پارتلىغان.

  ئىسرائىلىيەنىڭ «تۆمۈر گۈمبەز» مۇداپىئە سىستېمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە گولان ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قالغان. ئىسرائىلىيەنىڭ ئېيتىشىچە: باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇرىيە تەۋەسىدىن كەلگەن.

  ئىسرائىلىيە يېقىندىن بۇيان سۇرىيەگە كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە سۇرىيەچېگراسىدىكى ئىران بىلەن لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا ھازىرغىچە نەچچە يۈز قېتىم قوراللىق زەربە بەردى. ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيە ئىزچىل سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، ئىراننىڭ سۇرىيەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ئايلىنىشىغا تاقەت قىلىپ تۇرمايدۇ، ئىسرائىلىيە، ئىسرائىلىيەگە زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بولغان بارلىق دۈشمەن كۈچلەرگە زەربە بېرىدۇ.

  ئىسرائىلىيە سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئادەتتىن تاشقىرى ئارىلىشىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئادەتتە سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلمايتتى. جامائەت پىكرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە: نىتانىياخۇ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ھەدەپ ئۆزىنى كۆرسىتىشى، 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىكەن.

  ئىسرائىلىيە ئۇزاقتىن بۇيان، ئىراننى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتمەكتە دەپ قاراپ، ئىران ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. سۈرىيە تەرەپ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ سۇرىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى، ئىران سۇرىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىپلا قالماستىن، يەنە سۇرىيە ئارمىيەسىگە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە مەسلىھەت بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر