باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

2019.01.24 11:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 541، قاتناشقان ۋەكىل 507 بولۇپ، قانۇندا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، بۇ نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېت خىزمىتىنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت ئاپتونوم رايوننىڭ قائىدە-نىزامىدىن 20نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، قارار-بېكىتمىدىن بەشنى چىقاردى، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ قائىدە-نىزامىدىن 14نى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ يەككە نىزامىدىن بىرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى؛ خىزمەت دوكلاتىدىن 22نى ئاڭلىدى، قاراپ چىقتى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى سەككىز قېتىم، ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنى 16 قېتىم قانات يايدۇردى، مەخسۇس تېمىدا بىر قېتىم سۈرۈشتۈردى، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتتىن 144نى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈردى؛ دۆلەت ئورگىنى خىزمەتچى خادىملىرىدىن 622نى تەيىنلەش-قالدۇرۇشنى قارار قىلدى ۋە تەستىقلىدى. 2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولۇپ، بۇ يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يۆنىلىشنىڭ توغرا بولۇشىغا، مول نەتىجە-ئۈنۈم يارىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ ئۈچىنچى، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچى، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ بەشىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت جىنايەتنى جازالاش، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش؛ خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك قانۇن يۈرگۈزۈشكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ قەتئىي ھالدا «ئىجرا قىيىن بولۇشنى ئاساسەن ھەل قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، سەمىمىي جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ ھەرقايسى ساھەنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش؛ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، سوت مەھكىمىسىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدا قەتئىي، ماھارىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بولغان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سوت مەھكىمىسى قوشۇنى قۇرۇشتىن ئىبارەت يەتتە جەھەتتىن 2018-يىللىق ئاساسلىق خىزمەت ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتتى. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى جەمئىي 469 مىڭ 200 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 420 مىڭ دېلونى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى، دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى %89.51 بولدى؛ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 5521 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 5079 دېلونى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى، دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى %91.99 بولدى. باھارگۈل سەمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر «ئىجرا قىيىن بولۇشنى ئاساسەن ھەل قىلىش»نى ئالغا سىلجىتىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر يۇقىرى ئۆلچەمدە سوت مەھكىمىسى قوشۇنى قۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەپتىش خىزمىتىنىڭ يېڭى دەۋر كوردىناتىنى پۇختا ئىگىلەش؛ دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش؛ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت قىلىپ، تەپتىش فۇنكسىيەسىنى مەۋقە قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات، ئىسلاھات ئومۇملۇقىغا ھەمدەم بولۇش؛ ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەسئۇلىيەت، بۇرچ قىلىپ، ئىدىيەنى يېڭىلاپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنى تىپ ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى نىشان-يۆنىلىش قىلىپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنى قۇرۇشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن 2018-يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك جىنايى ئىشلار جىنايەت گۇماندارىدىن 114 مىڭ 23نى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى، 135 مىڭ 546 كىشىنى ئەيىبلىدى؛ دېلو تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ دېلو تۇرغۇزۇلمىغان 156 دېلونى، دېلو تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك بولمىسىمۇ دېلو تۇرغۇزۇلغان 43 دېلونى نازارەت قىلىپ تۈزەتتى، قانۇنغا خىلاپ 211 قىلمىش قېتىمنى تۈزەتتى؛ كۈچكە ئىگە ھۆكۈم-كېسىمنى نازارەت قىلىش دېلوسىدىن 2061نى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردى، 890 دەۋانى توختاتتى؛ ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 602 دېلو، 689 كىشىنى قوبۇل قىلدى، قاتارلىقلار. لى يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل تەپتىش ئورگانلىرى كەسىپ ۋەزىيىتىنى قايتا بەرپا قىلىشنى باشلىغان يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەپتىشنىڭ «رول»ىنى ياخشى ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداش «خور»ىنى ياخشى ئېيتىپ، نازارەتچىلىك «مەسئۇلىيەت ئېتىزى»نى ياخشى تېرىپ، ساپا «ئاساسىي ماھارەت»ىنى چېنىقتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا تەپتىش ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچى قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ سايلام ۋە ئاۋازغا قويۇش چارىسى ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى تەسىس قىلىش، ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئىسمىنى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر