باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغانلىقىغىمۇ ئىككى يىل بولۇپ قالدى

2019.01.24 11:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت تاقىلىپ قېلىش رېكورتىنى يېڭىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىرامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغانلىقىغىمۇ ئىككى يىل بولۇپ قالدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئىچكى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى شۇنداقلا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى.

  تىرامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىككى يىلنى ئەسلىگەندە، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ بىر بىرى بىلەن قارشىلىشىشى كۈچەيدى، جەمئىيەتتە پارچىلىنىش چوڭقۇرلاشتى. ئامېرىكا سىرتقا قارىتا يەككىچىلىك ۋە قورۇقچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، خەلقئارالىق كۆپ تەرەپلىك سىستېما ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى.

  ئىچكى سىياسەت جەھەتتە تىرامپ ھۆكۈمىتى ئىككى يىلدىن بۇيان باج-ھەق ئىسلاھاتى، كۆچمەنلەر، سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى چىقاردى.

  ئىقتىسادىي ساھەدە، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۈنجى قېتىملىق زور باج- ھەق ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قىسقا مۇددەتلىك قوزغىتىش ئۈنۈمى پەيدا قىلدى. تىرامپ ھۆكۈمىتى يەنە كۆمۈر، نېفىت ساھەسىنى باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ، ئوباما ھۆكۈمىتى تۈزگەن « پاكىز ئېلېكتىر كۈچى پىلانى»نى بىكار قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئېچىش باغلىقىنى بوشاتتى. بۇ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ۋە مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

  بىخەتەرلىك ساھەسىدە، تىرامپ ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقى، تور قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىنى كۆپەيتتى ھەمدە دېڭىز ئارمىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چەكلەش تىرامپنىڭ مۇھىم نىشانى بولۇپ قالدى. تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرا تېمىنى ياساش پىلانى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلى ئامېرىكا جامائەت پىكرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى قېتىم تاقىلىپ قېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئوت پىلتىسى بولۇپ قالدى.

  دىپلوماتىيە جەھەتتە، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار يەككىچىلىك ئىدىيەسى ۋە قورۇقچىلىق ھەرىكىتىنى قوللىنىپ، تىنچ ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم قاتارلىق بىر نەچچە خەلقئارا كېلىشىم ۋە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردىن چېكىنىپ چىقتى ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىدىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كۆپەيتتى.

  ئامېرىكا تافتېس داشۆسىنىڭ خەلقئارا سىياسەتشۇناسلىق پىروفېسسورى دانىئېل مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يەككىچىلىك خاھىشى ئامېرىكىنىڭ «سەمىمىيىتى» نى زىيانغا ئۇچرىتىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا چېكاگو داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جون مىلشىمېر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تىرامپ ھۆكۈمىتى ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن رىقابەتچىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، تاموژنا بېجى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى سودا قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەيۋەشكە كەلتۈرمەكچى بولۇپ، نۇرغۇن ئىتتىپاقدىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلدى، ھەتتا غەزىپىنى قوزغىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىرامپ بۇلتۇر چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى، بۇ تەدبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

  ئۆتكەن ئىككى يىلدا، سىياسى قاراشتىكى ئىختىلاپ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىردى، مەيلى مەكتەپ تۇرمۇشى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، ئائىلە يىغىلىشىدا بولسۇن، سىياسىي سۆز تېمىلىرى تالاش-تارتىش ۋە سۈركىلىشلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا پىرىنسېتون داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى كارمې ئاپىيە: بەزى ئامېرىكىلىقلار ھەتتا قارشى قاراشتىكىلەرنى «ئۆز ئادەم» دەپ قارىمايدىغان بولدى، دېدى. ئامېرىكا جورجى ماسون داشۆسىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق ئالىمى جورجى شنېيدېر: ھازىر ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇيان سىياسىي بۆلۈنۈش ئەڭ ئېغىرلاشقان مەزگلىلدە تۇرماقتا، دەپ قارىدى.

  سىياسىي خەۋپ-خەتەر مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى بولغان ياۋروپا-ئاسىيا گۇرۇھىنىڭ لىدىرى يىئىن برايمېرنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن 20 يىلدا، ئامېرىكىدا مۇتەئەسسىپلىك ياكى لىبېرال مەيدانى تۇتىدىغانلارنىڭ سانى بىر قاتلانغان، لېكىن مۆتىدىل ئوتتۇرا ئېقىمدىكىلەرنىڭ كۈچى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

  بۇلتۇر 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا، دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قايتا قولغا ئالدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بولسا كېڭەش پالاتاسىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى كېڭەيتتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئىككى يىلدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاق ساراي بىلەن پارلامېنتنى بىرلا ۋاقىتتا كونترول قىلغانلىقتىن، قانۇن چىقىرىش جەھەتتە، تەۋرەنمەس ئەۋزەللىككە ئېرىشكەن، دېموكراتلار پارتىيەسى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان. شۇنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇكى، ئاۋام پالاتاسىنى قايتىدىن كونترول قىلغان دېموكراتلار پارتىيىسى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش كۈنتەرتىپىگە كۈچىنىڭ بارىچە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر