باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى

2019.01.24 11:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋاڭ چيۇلىن خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىلدى، تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، پۈتۈن خادىمنى قاپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، ئۆز پېتى ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كاللىغا، قەلبكە ئورنىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر