باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى %12.9 ئاشتى

2019.01.24 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ۋە دۆلەت پېيىنى كونتىرول قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى ئۈچ تىرىليون 387 مىليارد 770 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى ئىككى تىرىليون 39 مىليارد 910 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئاشقان؛ يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى بىر تىرىليون 347 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشقان.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۈلۈك باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى داۋاملىق بىر قەدەر ياخشى بولدى. پايدا ئېلىش ئىقتىدارى ۋە قەرزنى تۆلەش ئىقتىدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن سەل ئاشتى، پايدىسىنىڭ ئېشىش كۆلىمى كىرىمدىن 2.9 پوئېنت يۇقىرى بولدى، نېفىت، نېفىت خىمىيە، پولات-تۆمۈر قاتارلىق كەسىپلەر پايدىسىنىڭ ئېشىش كۆلىمى بىر قەدەر زور بولدى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى جەھەتتە، بۇلتۇر، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 58 تىرىليون 750 مىليارد 70 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 33 تىرىليون 878 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشقان؛ يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 24 تىرىليون 871 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر