باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

2019.01.24 11:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، ۋاڭ چېن، جاۋ چۈنخۇا، ۋاڭ ۋېي، شى شىن، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن ۋەكىللەر بىلەن بىللە قاراپ چىقتى.

  لى ۋېي ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر ئوبيېكتىپ ئومۇميۈزلۈك، قايىل قىلارلىق خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورنى توغرا، پىكىر يولى ئېنىق بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلىتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش باشتىن- ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشتىن- ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەم نامايان قىلىنىپتۇ، ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، ئەمەلىيەتچانلىققا ۋە يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بوپتۇ. دوكلاتتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، باش نىشان ئارقىلىق ئومۇمىيەت بىرتۇتاش ئىگىلىنىپ، خىزمەتلەرگە تەپسىلىي قاراپ چىقىلىپتۇ، باش تېما روشەن، ئاساسىي لىنىيە ئېنىق، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك بوپتۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

  شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پاكىت ئارقىلىق سۆزلەش، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، 2018- يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپتۇ، 2019- يىللىق ۋەزىپىلەر ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئۇ كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. دوكلاتنىڭ نۇرغۇن يېرىدە ئۈرۈمچى تىلغا ئېلىنىپتۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئۈرۈمچىگە يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچ ۋە مۇھىم، زور ۋەزىپە، بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئەركىن تۇنىياز بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھەمدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، يېتەكلەشچانلىققا ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بوپتۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىللىق خىزمەتلەرگە قارىتا كونكرېت، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مۇھىم خىزمەتلەردە ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تەقسىملەپ، ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىدارىمىز، سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ماھارىتىمىزنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەردە ئالدىن كۆرەرلىكنى، دەل جايىدا بولۇشنى، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، پائال تۈردە ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

  سارقىت ئاقان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن دوكلاتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىگە قويغان تەلىپى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما ئىكەنلىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان، ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان دوكلات بوپتۇ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، قىيىنچىلىققا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، پەرققە توغرا قارالغان، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا سەككىز جەھەتتىن 2018- يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، خۇلاسىلىنىپ، زور سانلىق مەلۇمات ۋە پاكىتلار ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن روشەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ. 2019- يىللىق خىزمەتلەرگە قارىتا، دوكلاتتا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئون جەھەتتىن كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپتۇ، نىشان ئېنىق، تەدبىرلەر كۈچلۈك، ھەم مەۋقە رېئاللىققا قويۇلغان، ھەم كەلگۈسى كۆزلەنگەن بولۇپ، بىرقەدەر كۈچلۈك يېتەكلەشچانلىق ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بوپتۇ، بىز چوقۇم كەم- كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنلىن تۇرپان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلغان، ئەقىل- پاراسەت توپلانغان دوكلات بوپتۇ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، جاسارەتنى ئۇرغۇتىدىغان دوكلات بوپتۇ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا خۇلاسىلىنىپتۇ، ۋەزىيەت توغرا، چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپتۇ، مەسىلىنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى كۆرسىتىلىپتۇ؛ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان 2019- يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، نىشانى ئېنىق، پىكىر يولى ئوچۇق، تەدبىرلىرى كۈچلۈك بوپتۇ. دوكلاتتا باشتىن- ئاخىر بايراق روشەن ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش ئاساسىي لىنىيە، قىزىل سىزىق قىلىنىپ، باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر