باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن 2-قېتىملىق كىم جۇڭئۇن-تىرامپ ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئىجابىي سىگنال بەردى

2019.01.24 11:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو بىلەن زۇڭتۇڭ تىرامپ مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ۋاشىنگتونغا زىيارەتكە كەلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭچول بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاقسارايدا ئامېرىكا چاۋشىيەن رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى، ئۇچرىشىش ئورنىنى كەچرەك ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىلەن چاشيەننىڭ بۇ قېتىمقى يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ئىككى تەرەپنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئىجابىي سىگنال بەردى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى. گەرچە ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىدە يەنىلا ئىختىلاپى بولسىمۇ، لېكىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئىستىقبالىدىن يەنىلا ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇ.

  ئاقساراي ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تىرامپ مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتە ئاق سارايدا كىم يۇڭچول بىلەن تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت سۆھبەتلەشكەن، ئىككى تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا چاۋشيەن باشلىقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. كىم يۇڭچول تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ۋاشىنگتوندىكى بىر مېھمانخانىدا پومپىئو بىلەن سۆھبەتلەشكەن، ئىككى تەرەپ بۇلتۇر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سىنگاپور ئۇچرىشىشىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشكەن.

  بۇ كىم يۇڭچولنىڭ 2-قېتىم ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇشى. ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا كىم يۇڭچول ئاق سارايدا تىرامپ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ خېتىنى يەتكۈزۈپ بەردى. شۇ چاغدا، بىر مەھەل توختاپ قالغان ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن قايتىدىن توغرا ئىزغا چۈشتى.

  دىققەت قىلشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ قېتىمقى كىم يۇڭچولنىڭ زىيارىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ناھايىتى كەمتەر، ئېھتىياتچان بولدى. ئاقساراي ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتتا پەقەت ئىككى ئۈچ ئېغىزلا گەپ قىلدى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەندىلا كىم يۇڭچول بىلەن پومپىئونىنىڭ ئۇچرىشىش مۇساپىسىنى ئېلان قىلدى.

  بىراق تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە كەمتەرلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى ئامېرىكا چاۋشيەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا ھەرىكىتى شەك شۈبھىسىز ئىجابىي سىگنال قويۇپ بەردى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە پارلامېنت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەن ماخاففېي شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: كىم يوڭچولنىڭ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتى مەسىلىسىدە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى كورىيە ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەھلىلچىسى فېررېي مۇنداق دېدى: كىم يۇڭچولنىڭ زىيارەتكە كېلىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكا چاۋشيەن باشلىقلىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى كونكرېت ئىشلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، ئىنتايىن جىددىي ھالەتتىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە ئىجابىي بۇرۇلۇش بولدى. چاۋشيەن .كورىيە رەھبەرلىرى ئۆتكەن بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ئۇچرۇشۇپ، «پانمۇنجوم خىتابنامىسى» ۋە «9-ئاي پيوڭياڭ ئورتاق خىتاپنامىسى»نى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ يەنە بىرلىكتە ئالاقە ئورنى تەسىس قىلىش، ھەربىي ئىشلاردىن خالىي رايون قاراۋۇلخانىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ مۇناسىۋىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ بۇلتۇر 6-ئايدىكى سىنگاپوردىكى ئۇچرىشىشى مۇز ئېرىتىش تەدبىرى بولۇپ، چاۋشيەن يادرو سىنىقى ۋە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تىرايىكتورىيەلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا سىنىقىنى توختىتىش، بىر قانچە ئامېرىكىلىقنى قويۇپ بېرىش، چاۋشيەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بېرىش، ئامېرىكا بىر قىسىم ئامېرىكا-كورېيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى توختىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بىراق تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېرىم ئارال ۋەزىيىتىدە نۆۋەتتە چاۋشيەن-كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى چاۋشيەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن تېز بولۇشتەك ۋەزىيەت روشەن بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش كەمچىل بولغانلىقتىن، بىر مەھەل قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

  نۆۋەتتە، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش يولىدا يەنىلا ئىختىلاپى بار. چاۋشيەن چاۋشيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدىكى خىتاپنامىنى چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش بەرپا قىلىش، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم قەدەم دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئامېرىكا بولسا چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ۋەدە بېرىشىنى مۇكاپالاش شەرتى قىلدى. چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ جازانى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئامېرىكا بولسا چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشتىكى ماھىيەتلىك تەدبىرى چوقۇم مۇناسىۋەتلىك خەۋپسىزلىك كاپالىتى ۋە جازانى بىكار قىلىش سۆھبىتىدىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك دەپ قارىدى.

  خۇددى كورىيە زۇڭتۇڭى مون جېئىن يېقىندا ئېيتقاندەك، ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ كەمچىل بولۇشى چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق قىيىن مەسىلە.

  نۇرغۇن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى پەرەز قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندا، ئامېرىكا چاۋشيەن باشلىقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئورنى ۋېيتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز ساھىلى ساياھەت شەھىرى داناڭ بولۇشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا، تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوكمۇ ھازىرغىچە تاراتقۇلار ئېتىراپ قىلىدىغان قىزىق نامزات ئورۇن.

  بىر خەلقئارا تەتقىقات ئورگىنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى تەرەپ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن «ئاجىز» نەتىجىلىرىنى كۈچەيتىپ، 2-قېتىملىق رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە يېتەرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، چاۋشيەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى نيوڭبيوندىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنى مەڭگۈلۈك بىكار قىلىش قاتارلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە، ئامېرىكا قىسمەن جازانى بىكار قىلىشنى ئويلىشىشى ھەمدە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىتابنامىسىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر