باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامالا خاررېس ئامېرىكىنىڭ 2020-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.01.24 11:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنىتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كامالا خاررېس 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 2020-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خاررېس دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى «يېڭى چولپان»، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان زۇڭتۇڭ تىرامپنى بىۋاستە تەنىقىد قىلىپ نام چىقارغان، خىزمەت تارىخىنىڭ كەم بولۇشى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى بولۇشى مۇمكىن.

  شۇ كۈنى خاررېس ئامېرىكا رادىيو شىركىتى «خەيرىلىك سەھەر ئامېرىكا» تېلېۋېزىيە پىروگراممىسىدا ئېكرانغا چىققاندا، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ: مېنىڭ ئورنۇمدىن دەس تۇرۇش، كۆرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىم بار، بىز ئەڭ ياخشى ئۆزىمىز بولۇشىمىز كېرەك، دېدى.

  ئۇ: 1-ئاينىڭ 21-كۈنىنى تاللاپ يەنى مارتىن لۇزۇر كىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى خاتىرە كۈنىدە سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنداق قىلىشى ئامېرىكىنىڭ ۋاپات بولغان بۇ خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى رەھبىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  خاررېس بۇ يىل 54 ياش بولۇپ، كۆچمەنلەر ئەۋلادىدىن، ئاتا-ئانىسى يامايكىلىق ۋە ھىندىستانلىق. زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى جاكارلىغان دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچىدە، ئۇنىڭ سالاھىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ «ئاساسىي دائىرىسى»دىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ياش، ئايال، ئاز سانلىق ئەۋلادىدىن بولۇشتەك كۆپ تۈرلۈك ئالاھىدىلىكىگە بەكرەك يېقىنلىشىدۇ، بۇ بىر قەدەر زور رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى نامايەن قىلىدۇ.

  خاررېس 2011-يىلى كالفورنىيە شىتاتىنىڭ باش تەپتىشى بولغان، ئۇ 2017-يىلى كالفورنىيە شىتاتىدىكى سايلامغا قاتنىشىدىغان قوشما شىتات كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئافرىقىلىق ئەۋلادىدىن بولغان تۇنجى ئايالغا ئايلاندى. ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچىدە ئاز دېگەندە بەش سايلام رەقىپىگە دۇچ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئايال، ئۇلار ماسساچۇستىس شىتاتى قوشما شىتات كېڭەش پالاتاسىنىڭ پارلامىنت ئەزاسى ئېلزابىت ۋۇرىن، نيۇ-يورك شىتاتى قوشما شىتات كېڭەش پالاتاسىنىڭ پارلامېنىت ئەزاسى كىرستىن گىلبىراند، ھاۋاي شىتاتى قوشما شىتات ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارلامېنىت ئەزاسى تۇلسى گاببارددىن ئىبارەت.

  بۇ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى كۆپىيىپ 20گە يېتىشى مۇمكىن. غەلبە قىلغۇچىلار كېلەر يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تىرامپ بىلەن رىقابەتكە چۈشۈشى مۇمكىن.

  خاررېسنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى تەشەببۇسى: ئامېرىكا ھازىر يولغا قويۇۋاتقان كۆچمەنلەر ۋە ئەدلىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئوتتۇرىھال كىرىملىكلەرنىڭ باجنى كەچۈرۈم قىلىش ئۈلۈشىنى ئۆستۈرۈپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋېرمونت شىتاتى قوشما شىتات كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بورنى ساندىس قوزغىغان «ئومۇم خەلق داۋالاش سۇغۇرتىسى» توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش قارالمىسىنى قوللاش. ئۇ كارخانىلارنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئاساسلىقى قوللىغۇچىلىرىنىڭ شەخسىي ئىئانىسىگە تايىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خاررېس كۆپ قېتىم كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن قارالمىدا تىرامپ كۆرسەتكەن نامزاتقا «ئۇدا زەربە بەردى»، بۇ ھازىرقى قوشما شتات ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى كاۋانو، سابىق ئەدلىيە مىنستىرى جېف سەيشېننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۇ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ھامىلە چۈشۈرۈش، «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش»نى تەكشۈرۈش قاتارلىق قارالمىلاردا كاۋانودىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كاۋانونى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، دەپ ئاشكارا نارازى بولۇشقا مەجبۇرلىدى. رېيتىر ئاگېنتىلىقىنىڭ قارىشى بويىچە، مۇشۇ سەۋەبلىك خاررېسنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئاشقان.

  خاررېس تۇنجى تۈركۈمدە تىرامپنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە قارشى تۇرغان پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ بىرى. 2018-يىلنىڭ بېشىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونتىروللىقىدىكى كېڭەش پالاتاسى كۈچىنىڭ بارىچە كۆپ تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ساقلاپ، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى تەخمىنەن 800مىڭ ياش قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قايتىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى ئۈستىدە ئىزدەندى. تىرامپ 2017-يىلى 9-ئايدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ بۇ تۈردىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوللايدىغان «بالىلىق چىغىدا ئامېرىكىغا بارغانلارنى ۋاقتىنچە قايتۇرماسلىق» پىلانىنى بىكار قىلدى.

  بىراق، خاررېس قوللىغان قانۇن لايىھە ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانمىدى.

  بىر قىسىم تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: دېموكراتلار پارتىيەسى پارتىيە ئىچىدىكى «ئەنئەنىۋى، مۆتىدىل مۇتەسسىپ گۇرۇھىدىكىلەر» بىلەن خاررېس قاتارلىق «تەرەققىيپەرۋەرلەر گوروھى» سايلام نامزاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىش نىسبىتىنى باھالىشى كېرەك. ئالدىدىكىسى ئوتتۇرىھال سايلىغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ، كېيىنكىسى سالاھىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيپەرۋەر سايلىغۇچىلارنى جەلىپ قىلىدۇ ھەمدە دېموكراتلار پارتىيەسى قوللىغۇچىلىرى ئىچىدە كېيىنكىسىنىڭ نىسبىتى كېڭەيمەكتە.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مايكول ئارۇنىس 1-ئاينىڭ 21-كۈنى باياناتىدا مۇنداق دېدى: خاررېسنىڭ قۇشما شىتات كېڭەش پالاتاسىنىڭ پارلامېنىت ئەزاسى بولغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس، ئاۋاز بېرىش خاتىرسى «رادىكال ئەركىنلىك گۇرۇھى»نىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدى.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تەرەپتىن قارىغاندا، خاررېس «ئەڭ تەھدىتى يوق» دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقۇچىسىكەن، سەۋەبى خىزمەت تارىخى ئۇزۇن ئەمەس، تونۇلۇش دەرىجىسى يېتەرلىك ئەمەسكەن. خاررېس مۇشۇ ئايدا شەخسىي ئەسلىمىسىنى نەشر قىلىشتىن پايدىلىنىپ، تاراتقۇلاردا ئاشكارلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇردى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېموكراتلار پارتىيەسى 2020-يىلى 2-ئايدا ئىئوۋا شىتاتى قاتارلىق ئەركىنلىك گۇرۇھىدىكى سايلىغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولغان شىتاتلاردا پارتىيە ئىچىدە ئالدىن تاللاشنى باشلىشى مۇمكىنكەن. بۇ خاررېسنىڭ سايلام رىقابىتىنى «ئالدى بىلەن ھەرىكەت قوللىنىش» ئەۋزەللىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر