باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىقىغا تۇنجى بولۇپ جەمئىيەتتىن 18 مىڭ كىشى قوبۇل قىلىنىدۇ

2019.01.28 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا قانات يايدۇرۇلىدۇ، جەمئىي 30 مىڭ كىشى قوبۇل قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا مىنىستىرلىق قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاچتى. مۇخبىرنىڭ يىغىن نەق مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا قانات يايدۇرۇلىدىكەن، جەمئىي 30 مىڭ ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جەمئىيەتتىن 18 مىڭ ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن، ج خ ئوت مۇداپىئە قىسىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى ئورمان مۇداپىئە قىسىملىرىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەردىن 10 مىڭدىن ئارتۇقى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش شەكلى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىكەن.تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىشتا 30 مىڭ ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ

  جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى تەلىم-تەربىيە مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ كېخۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەسلىدىكى ج خ ئوت مۇداپىئە قىسىملىرى، قوراللىق ساقچى ئورمان مۇداپىئە قىسىمى كوللېكتىپ ھەربىيلىكتىن چېكىنسە، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قوشۇنى قىلىپ تەشكىللىنەتتى. نۆۋەتتە، ئىككى قوشۇننىڭ كوللېكتىپ تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەن خادىملارنىڭ سالاھىيەت ئۆزگەرتىش خىزمىتى، فورمىسىنى ئالماشتۇرۇش، ئۇنۋان بېرىش خىزمىتى، ۋەزىپە ئورنىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىزمەتلەر تاماملاندى. 44 مىڭ ئوت ئۆچۈرۈش-جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىغا مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئېسىلدى، جۇڭگو ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى.

  تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش- قۇتقۇزۇش قوشۇنىدا ئۆزگىرىش بولدى، ئەسلىدىكى بىرلا خىل ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتىن ھازىرقى زور بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش، تۈرلۈك ئاپەت ھادىسىسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.»

  ليۇ كېخۈي يەنە مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئاساسىي قوشۇنى، دۆلەت كوماندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قوشۇندا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجىگە بۆلۈپ قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلدى. بۇ قوشۇننىڭ جانلىق كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، بىز مەخسۇس باشقۇرۇش ۋە كاپالەت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ۋەزىپە-دەرىجە تەرتىپىنى قوللاندۇق ھەمدە مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش- قۇتقۇزۇش ئۇنۋان تۈزۈمىنى بەلگىلىدۇق.»

  يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۈچ يىلدا ئاندىن مۇستەقىل ۋەزىپە ئىجرا قىلالايدۇ

  ليۇ كېخۇي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، 3-يىلىدىن باشلاپ ئاندىن مۇستەقىل ۋەزىپىگە قاتنىشىپ ئىجرا قىلالايدۇ. «بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا يېڭى تۈزۈلمە يولغا قويۇلغان بولۇپ، رەسمىي تۈزۈلمىسى ۋە كەسپىي تۈزۈلمىسى ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر يۈرۈش دۆلەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جىددىي قۇتقۇزۇش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېخانىزم يارىتىلدى.

  مەسىلەن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئەسلىدە ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيتتى، ھازىر ئەڭ تۆۋەن ۋەزىپە ئۆتەش يىل چېكى بەش يىل بولۇپ، كەسپىي تەربىيەلەش-ئۆستۈرۈش شارائىتى ياخشىلاندى. ئەسلىدە يېڭى ئەسكەرلەر قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلىنىشتىن كېيىن ئىش ئورنىغا چىقاتتى، ھازىر 1-يىللىقىدا ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە كوللېكتىپ تەربىيەلىنىدۇ، 2-يىلى قوشۇندا پىراكتىكا مەشىقى قىلىدۇ، 3-يىلىدىن باشلاپ ئاندىن مۇستەقىل قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ج خ ئوت مۇداپىئە قىسىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى ئورمان مۇداپىئە قىسىملىرى ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلۈپ تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلىدۇ. ليۇ كېخۇي مۇنداق دېدى: تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بۇ قوشۇن يەنىلا 24 سائەتلىك ئىشقا چىقىش ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمەت ھالىتىنى يولغا قويىدۇ، قوشۇن ئىنتىزامى ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق ئىنتىزامنى يولغا قويىدۇ ۋە پۇختا تەشكىللەپ لايىھەلىگەن بىر يۈرۈش مېخانىزم، تۈزۈلمە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئەمەلىيەت سىنىقىدىن ئۆتۈشتە مەسىلە يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر