باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈپەت، تەمىنلەش، ئىشلىتىش ۋە پۇل قايتۇرۇش قاتارلىقلارغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئۈچ تارماق نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2019.01.28 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا، دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى ۋە دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئورۇنلاشتۇرمىلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ھالدا «تۆتكە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سۈپەت، تەمىنلەش، ئىشلىتىش ۋە پۇل قايتۇرۇش قاتارلىقلارغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىر يىلدىلا توختامدىكى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن جىنپۇ مۇنداق دېدى: نۇقتىدا سىناق قىلىشتا، تۆۋەندىكىدەك «تۆتتە بىرلەشمە قۇرۇش ۋە ئۈچتە راۋان بولۇش» كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يەنى، بىرلەشمە قۇرۇپ سېتىۋېلىش، باھا بېكىتىشتە بىرلەشمە قۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، خېرىدار چاقىرىش-سېتىۋېلىش-ھەمتۈرتكىلىك ئىشلىتىشتە بىرلەشمە قۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، چىقىم قىلىش ۋە مەنپەئەت مېخانىزمىدا ھەمتۈرتكە بولۇشتا بىرلەشمە قۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، تۈزۈلمە راۋان بولۇش، سىياسەتلەر راۋاجلاندۇرۇش راۋان بولۇش، تارماقلار ئالاقىسى راۋان بولۇش. نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىشخانىسى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىرىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، تارماقلارنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىش ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەرلەر بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، يولغا قويۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تاماملاپ، «تۆتكە كاپالەتلىك قىلىش»نى نۇقتىلىق ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ ياخۇي مۇنداق دېدى: سىناق رايونلىرىدىكى سەھىيە ـ ساغلاملىق تارماقلىرى چوقۇم تاللانغان دورىلارنى ئالدىن ئىشلىتىشنىڭ سىياسەت يولىنى راۋان قىلىپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى چوقۇم پۈتۈشكەن سېتىۋېلىش مىقدارى بويىچە ئالدىن سېتىۋېلىشقا ۋە تاللانغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، توختامدىكى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر