باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى پۈتۈن ئارمىيەدە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈلگىلىرىنى تەقدىرلىدى

2019.01.28 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى «پۈتۈن ئارمىيەدە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈلگىلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، 10 ئۈلگىلىك ئورۇن، 18 ئۈلگىلىك شەخسنى تەقدىرلىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىيلەرنى مەشقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي نەتىجە يارىتىش ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ياساشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، غەلبە قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئۇرۇش تاكتىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇرۇش مەشقى قىلىپ، ئىستىلدا قاتتىق بولۇپ، پىداكارلىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، بۇرچ مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىشنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىگە ئايلاندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىز تەقدىرلەنگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يېڭى ۋە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن ئارمىيە چوقۇم ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر