باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىلى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئاشتى

ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاشتى

2019.01.28 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2018-يىللىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز بېرىش يۆنىلىشى ئىستاتىستىكا دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 136 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ بىر يىللىق ئېشىشى 16 تىرىليون 170 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 تىرىليون 640 مىليارد يۈەن كۆپەيگەن. كونكرېت قىلىپ ئېيىتقاندا، قەرز بېرىش يۆنىلىشىدە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆسۈپ، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلار قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۆرلىشى، سانائەت ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئېشىشى، ئۆي - زېمىن قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۇقىم تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلگەن.

  ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قەرز پۇل بېرىش جەھەتتە، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق پۇلى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قەرز پۇل قالدۇقى 13 تىرىليون 390 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 13.8 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 5.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ: «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق قەرز باھالاش ئۆلچىمىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق سىياسەتلەر كەينى-كەينىدىن چىقىرىلىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ كىرېدىتى يەنىمۇ كۆپەيتىلدى»، دېدى.

  تىجارەت پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، كارخانىنىڭ كۈندىلىك تىجارەت ۋە پۇل ئېھتىياجىدىكى قىسقا مۇددەتلىك قەرز پۇل ئېشىش سۈرئىتى ئۆرلەيدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەل پۇلى ھېسابىدىكى غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 89 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 9.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، قىسقا مۇددەتلىك قەرز پۇل ۋە ۋېكسىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قالدۇقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 6.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر